باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىن تايلاندقا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ساياھەت كۆتۈرە ئايروپىلانى كېلەر يىلى1–ئايدا قاتناشقا باشلايدۇ

2012.12.14 14:53        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ كاڭخۇي تەبىئەت خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپىدىن ئىگىلىشىچە، جۇڭگو شىنجاڭدىن تايلاندقا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ساياھەت كۆتۈرە ئايروپىلانى 2013–يىلى 1–ئاينىڭ 19–كۈنى قاتناشقا باشلايدىكەن، 2–ئاينىڭ 23–كۈنىگىچە جەمئىي ئالتە كۆتۈرە ئايروپىلان تايلاندقا قاراپ ئۇچىدىكەن، ئايروپىلان تىپى ‹‹بوئېئىڭ 767–200›› بولۇپ، ھەر بىر ئايروپىلاندا 234 ئورۇن بار ئىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، ھەر يىلى 1–ئايدىن 2–يىلى 4–ئايغىچە تايلاندنىڭ ساياھەت ئاۋات مەزگىلى بولغاچقا، تايلاند شىنجاڭدىكى ساياھەتچىلەر قىشتا ساياھەتكە بارىدىغان ئاساسلىق جايغا ئايلانغان. بۇ ئايروپىلان باڭكوكغا بىۋاسىتە ئۇچىدىكەن، ئايروپىلان ئالمىشىش ھاجەتسىز ئىكەن، ئىلگىرىكى ئىككى كۈنلۈك يول بەش سائەتكە قىسقارغان. ھەر ھەپتىدە بىر كۆتۈرە ئايروپىلان ئۇچىدىكەن، بارلىق كۆتۈرە ئايروپىلاننىڭ يولۇچىلىرى شىنجاڭلىق ساياھەتچىلەردىن بولۇپ، پۈتكۈل جەرياندا ساياھەت يېتەكچىلىرى ھەمراھ بولىدىكەن.

  مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە