باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە سۈرىيە كىرزىسىنى ھەل قىلىشقا ئالاقىدار جەنۋە ئاخباراتىغا ئەمەل قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى

2012.12.14 15:04        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى بوگدانوف تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: رۇسىيە «سۈرىيەنىڭ دوستى» يىغىنىدا ماقۇللانغان قارارنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىدۇ شۇنىڭ بىلەن بىرگە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ سۇرىيە كىرزىسىنى ھەل قىلىشقا ئالاقىدار جەنۋە ئاخباراتىغا ئەمەل قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلىدۇ. بوگدانوف مۇنداق دېدى: رۇسىيە بۇ يىل 30-ئىيۇل جەنۋەدە ئېچىلغان سۈرىيە مەسىلىسى بويىچە «ھەرىكەت گۇرۇپپىسى» يىغىنىدا ھاسىل قىلىنغان ئورتاق تونۇشنى بارلىق تىرىشچانلىقلار ئارقىلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك، بىز جەنۋە ئاخباراتى ئاساسىدا كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەتلەرنى پىلانلانلىشىمىز كېرەك دەپ قارايدۇ. رۇسىيە سۈرىيە مەسىلىسى بويىچە يەنە بىر قېتىم «ھەرىكەت گۇرۇپپىسى» يىغىنى ئېچىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  12-دېكابىر ماراكەشتە «سۈرىيەنىڭ دوستى» خەلقئارا يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تىرىشىپ سۈرىيەدە كۈنسىرى ئېغىرلىشىۋاتقان قانلىق توقۇنۇشنى ئاياغلاشتۇرۇشى مۇراجىئەت قىلىندى ھەمدە «سۈرىيەدىكى ئۆكتىچىلەر گۇرۇھى بىلەن ئىنقىلاب كۈچلىرى مەملىكەتلىك ئىتتىپاقى»نىڭ سۈرىيە خەلقىنىڭ قانۇنلۇق ۋەكىلى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش جاكارلاندى.

  مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە