باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>18-قۇرۇلتاي

مىللىي رايونلاردىكى لېكسىيە ئۆمىكى جايلار ۋە تارماقلارغا بېرىپ 18- قۇرۇلتاي روھىدىن لېكسىيە سۆزلىدى

2012.12.13 16:05        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، مىللىي رايونلار پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش لېكسىيە ئۆمىكىنى ئارقا ئارقىدىن تەشكىللەپ، جايلار ۋە تارماقلارغا بېرىپ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيى روھىدىن لېكسىيە سۆزلىدى.

  ئىچكى مۇڭغول ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيى روھىدىن لېكسىيە سۆزلەش دوكلات يىغىنى يېقىندا ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت ئۆچۈرۈش باش ئەترىتىدە ئېچىلدى. يىغىندا لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىنىڭ ئاساسى تېمىسىنى ئالتە تەرەپتىن چوڭقۇر چۈشەندۈرۈپ، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىنىڭ تارىخىي خاراكتېرلىك تۆھپىسى ۋە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدىكى تارىخىي ئورنىنى ئومۇميۈزلۈك شەرھلىدى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىپ بولۇش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئىلمىيلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشنىڭ نىشان ۋەزىپىسى ۋە ئاساسىي تەلىپىنى تەپسىلىي چۈشەندۈردى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 12 ئايماق، شەھەر، 100 دىن كۆپرەك خوشۇن ،ناھىيە، چوڭ ئەترەتتىكى 4000 دىن كۆپرەك ئوفىتسېر ئەسكەر ۋىدىيو ئارقىلىق، بۇ قېتىمقى پارتىيە 18- قۇرۇلتىيى روھى دوكلات يىغىنىنى بىرلىكتە ئاڭلىغان.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە 18- قۇرۇلتىيى روھىدىن لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكى 10- دېكابىردىن باشلاپ جايلارغا بېرىپ ئۆلگە كۆرسىتىپ لېكسىيە سۆزلىدى. مەركىزىي كومىتېت ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە 18- قۇرۇلتىيى روھىدىن لېكسىيە سۆزلەش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارى جاڭ چۈنشيەن ئۈلگە كۆرسىتىپ لېكسىيە سۆزلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈستىدە مۇھىم تەستىق سالدى.

  يېقىندا شىزاڭ ئاپتونوم رايونىدىكى پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ئىزچىللاشتۇرۇش تەشۋىق قىلىش لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى، مېيىپلار بىرلەشمىسى، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى شىزاڭ شىركىتىگە بېرىپ، لېكسىيە سۆزلەش دوكلات بېرىش يىغىنى ئارقىلىق، 18-قۇرۇلتايدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر يۈرۈش يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى تەدبىرلەرنى ئۆگەندى ۋە تەشۋىق قىلدى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى روھىنى ئاساسى قاتلامغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى شىزاڭ شىركىتى تېلېۋىزىيەلىك تېلېفون يىغىنى شەكلى ئارقىلىق، شىركەتنىڭ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى روھىدىن لېكسىيە سۆزلەش دوكلات بېرىش يىغىنىنى بىرلا ۋاقىتتا شىركەتنىڭ ئاساسلىق يىغىن مەيدانى ۋە ئالتە ۋىلايەتتىكى شۆبە شىركەت شۆبە يىغىن مەيدانىدا تەسىس قىلدى. بۇ شىركەتتىكى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، پارتىيەگە كىرىش ئالدىدا تۇرغان ئاكتىپلار ۋە قىسمەن ئىشچى-خىزمەتچى، ئامما بولۇپ، 450 دىن ئارتۇق كىشى لېكسىيە دوكلاتىنى ئاڭلىدى.

  مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە