باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جۇڭئۇن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىشكە قوماندانلىق قىلدى

2012.12.14 15:02        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چاۋشيەن مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جۇڭئۇن ئۈلۈشكۈن سۈنئىي ھەمراھ كونتىرول قىلىش ئۇنىۋېرسال قوماندانلىق ئورنىغا بېرىپ «چولپان ئۈچىنچى نومۇرلۇق» سۈنئىي ھەمراھنى قويۇپ بېرىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەن ھەمدە سۈنئىي ھەمراھنىڭ قويۇپ بېرىلىش جەريانىنى كۆرگەن. كىم جۇڭئۇن سۈنئىي ھەمراھنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك قويۇپ بېرىلگەنلىكىدىن مەمنۇن بولۇپ، چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى نامىدىن پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرىگە رەھبەت ئېيتقان.

  ئۇ مۇنداق دېگەن: «چولپان ئۈچىنچى نومۇرلۇق» سۈنئىي ھەمراھ چاۋشيەن پۈتۈنلەي ئۆز كۈچىگە، تېخنىكىسىغا ۋە ئەقىل پاراسىتىگە تايىنىپ تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان «ئاساسىي گەۋدىلىك سۈنئىي ھەمراھ»، بۇ قېتىم سۈنئىي ھەمراھنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك ئوربىتىغا كىرىشى چاۋشيەننىڭ ئالەم بوشلۇقى كۈچلۈك دۆلەتلىك ئورنىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىدى، بۇ چاۋشيەننىڭ دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار پەن-تېخنىكا چوقۇسىغا مەردانە ھالدا چىققانلىقىنى نامايەن قىلىدۇ. سۈنئىي ھەمراھنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك قويۇپ بېرىلىشى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا چاۋشيەن پارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ ئالەم بوشلۇقىدىن تىنچلىق ئۈچۈن پايدىلىنىش ھوقۇقىنى مەردانە يۈرگۈزۈپ، دۆلەتنىڭ پەن-تېخنىكا ۋە ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى قەتئىي مەيدانىنى يەنە بىر قېتىم نامايەن قىلدى.

  مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە