باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتىنىڭ مەملىكەتلىك 10-قۇرۇلتىيى بېيجىڭدا ئېچىلدى

2012.12.17 09:20        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتىنىڭ مەملىكەتلىك 10-قۇرۇلتىيى 16-دېكابىر بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت سېكرېتارىياتىنىڭ سېكرېتارى ليۇ يۈنشەن يىغىنغا قاتناشقان بارلىق ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن تەبرىك سۆزى قىلدى.

  تەبرىك سۆزىدە مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى قۇرۇلغان 67 يىلدىن بۇيان، ۋەتەنپەرۋەرلىك، سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، جۇڭگو كومپارتىيەسى بىلەن سەمىمىي ھەمكارلىشىپ، جۇڭگونىڭ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات ئىشلىرىنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، بىرلىكسەپ ۋە جۇڭگو كومپارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى.

  تەبرىك خېتىدە مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولى جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتىنىڭ بارلىق ئازالىرىنى ئۆز ئىچگە ئالغان مىليونلىغان خەلقنى ئورتاق كۈرەش قىلىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرىدىغان توغرا يول. جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭگو كومپارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىق ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  تەبرىك خېتىدە مۇنداق دېيىلدى: ئىشىنىمىزكى جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركەز رەھبەرلىك ئورگىنى چوقۇم تارىخىي بۇرچى ۋە بارلىق ئەزالارنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى ئۈستىگە ئېلىپ، سىياسىي ئۆتكۈزۈپ بېرىش، ئۆتكۈزۈۋېلىشنى ھەقىقىي ئوبدان قىلىپ، جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتىنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. چوقۇم يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىلەرنىڭ تەلىپىگە ماسلىشىپ، كەڭ ئەزالارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، دۆلەت ئىشلىرى ئۈستىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش فۇنكسىيەسىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىدۇ.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئادالەتپەرۋەرلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋەن گاڭ ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە گۇرۇھلار مەركىزى كومىتېتلىرى ۋە مەملىكەتلىك سودا سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىگە ۋاكالىتەن تەبرىك سۆزى قىلدى. قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل رەئىسى چېن چاڭجى جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتىنىڭ 9-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن خىزمەت دوكلاتى بەردى.

  بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى 9-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە ئۇنىڭغا قاراپ چىقىلدى، «جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى نىزامنامىسىنىڭ تۈزىتىلمە لايىھەسى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتىنىڭ 10-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى قاتارلىقلار سايلام چىقىلدى.

  مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە