باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مائارىپ

شاڭخەي تىياتىر ئىنستىتۇتى شىنجاڭدا ئوقۇتۇش–ئەمەلىيەت بازىسى قۇردى

2012.12.14 15:19        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  5–دېكابىر شىنجاڭ ئوپېرا–تىياتىر ئۆمىكى بىلەن شاڭخەي تىياتىر ئىنستىتۇتى شىنجاڭ سەنئەت يۇرتىدا شاڭخەي تىياتىر ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتۇش– ئەمەلىيەت بازىسى قۇرۇش ۋە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى تۈزدى.

  ئۇقۇشىمىزچە، شاڭخەي شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى مۇھىم تۈرى بولغان شاڭخەي تىياتىر ئىنستىتۇتى ئوقۇتۇش–ئەمەلىيەت بازىسى قۇرۇلۇشى ۋە ھەمكارلىق تۈرى بويىچە شاڭخەي تىياتىر ئىنستىتۇتى ھەر يىلى شىنجاڭ ئوپېرا ئۆمىكىگە خادىم تەربىيەلەپ بېرىدىكەن. بۇ ئىككى ئورۇن بىرلىشىپ، يېقىندا يەنە مۇزىكىلىق تىياتىر «ئالمىخان»نى سەھنىگە ئېلىپ چىقىدىكەن.

  شىنجاڭ ئوپېرا–تىياتىر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى تۇرغۇن ئىمىر مۇنداق دېدى: ھازىر بىزدە «ئالمىخان» ناملىق كىتابتىن ئۈچى بار. بۇ كىتابلاردىن پايدىلىنىپ، تىياتىرنىڭ سېىنارىيەسىنى يېزىش، ماتېرىيال توپلاش خىزمىتى پات ئارىدا باشلىنىدۇ، كېلەر يىلى مارتقىچە سېنارىيە تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈلسە، رول ئالىدىغانلار بېكىتىلىپ، رېپېتىتسىيە باشلىنىدۇ. تەييارلىق خىزمەتلەر پۈتكەندىن كېيىن، مەشىققە چۈشۈپ، بۇ مۇزىكىلىق تىياتىرنى كېلەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان شىنجاڭ خەلقئارا ئۇسسۇل بايرىمىغا سوۋغا سۈپىتىدە سۇنماقچىمىز.

  مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە