باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

دۆلەتنى بېيىتىش بىلەن ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەشكە ۋە قۇدرەتلىك ئارمىيە قۇرۇشقا تىرىشىشىمىز كېرەك(1)

2012.12.14 15:09        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 8–ۋە 10–دېكابىر گۇاڭجۇ ئۇرۇش رايونىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، پۈتۈن ئارمىيەدىكىلەرنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنىڭ باش تېمىسى ۋە ئاساسىي لىنىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا قەتئىي بويسۇنۇشنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ جېنى، جەڭ قىلالايدىغان بولۇش، غەلىبىلىك جەڭ قىلالايدىغان بولۇشنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش، ئارمىيەنى قاتتىق باشقۇرۇشنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئارمىيەنى ئىنقىلابىيلاشتۇرۇش، زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە مۇنتىزىملاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشكە چاقىردى. شى جىنپىڭ دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ جەنۇبىي دېڭىز فىلوتىنىڭ «خەيكو» ناملىق ھەربىي پاراخوتى، مەلۇم گۇرۇپوۋوي ئارمىيە ۋە گۇاڭجۇ ھەربىي رايونىنىڭ ئورگىنىغا كېلىپ خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم شېنجېن، جۇخەيدە تۇرۇشلۇق قىسىملارنىڭ تۈەن دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلىرى ۋە گۇاڭجۇدا تۇرۇشلۇق قىسىمنىڭ شى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى. شى جىنپىڭ دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان ھەربىي پاراخوتتا، توپ ئاۋازى ئۈزۈلمەيۋاتقان ھەربىي مانىۋېردا، پاكىز، رەتلىك ليەندۈي ياتاقلىرىدا، پالۇباغا چىقىپ، پاراخوت بۆلمىسىگە كىرىپ، تانكىغا ئولتۇرۇپ، بەن، پەيلەرنى ئارىلاپ، قورال–ياراغ ۋە ئۈسكۈنىلەرنى كۆرۈپ، ئەمەلىي مانېۋىرلارنى كۆزدىن كەچۈردى، ئاساسىي قاتلامدىكى كوماندىر، جەڭچىلەر بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، بىللە غىزالىنىپ، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش، مەشىق، تۇرمۇش ئەھۋاللىرىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە