باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ليۇ يۈنشەن مەركەز پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2012.12.14 15:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ليۇ يۈنشەن تۈنۈگۈن مەركەز پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىغا ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرۇش، ۋەزىپىلەرنى بۆلۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى مۇھاكىمە قىلىپ، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش، ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاش قاتارلىق سەككىز بەلگىلىمىسىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى تەدبىر، چارىلىرىنى مۇھاكىمە قىلدى.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ چىشەن، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركەز پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاۋ لېجى يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  ليۇ يۈنشەن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىر ئۈلۈش ئورۇنلاشتۇرساق، توققۇز ئۈلۈش ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. بىرنى ئورۇنلاشتۇرساق ئاشۇ بىرسىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز لازىم. ياخشى بەلگىلىمە، ياخشى تۈزۈمنىڭ ئەمەلىيلەشمەسلىكىدىكى ئاچقۇچ-تېخىمۇ كۈچەپ چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرمەسلىكتە. سەككىز بەلگىلىمىنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم يېرى رەھبەرلەر باش بولۇش، قىيىن يېرى ئۇزۇن مۇددەت چىڭ تۇرۇش، نۇقتىلىق يېرى مېخانىزم شەكىللەندۈرۈش. ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ پىكىر، سادالىرىنى كۆپ ئاڭلاپ، ئامما نېمىگە ئىنتىزار بولسا شۇنى ياخشى قىلىپ، ئاممىغا ھەقىقىي ئۆزگىرىشلەرنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. بىر كۈنمۇ بوشاشماي چىڭ تۇتۇپ، قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، ئۇزۇن مۇددەت تېرىشىپ ئىشلەپ، قەرەللىك نازارەت قىلىپ ۋە تەكشۈرۈپ ھەم جەمئىيەتكە تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ دائىملاشتۇرۇپ، باشلاپ قويۇپ داۋامىنى چىقارماسلىق، بىر مەھەل قىزغىن بولۇپ تاشلاپ قويۇشتىن قەتئىي ساقلىنىش لازىم.

  مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە