مويەن «جۇڭخۇا مەدەنىيتى شەخس مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى
2012.12.14 15:29 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورىنىڭ 14-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. 12-دېكابىر، جۇڭخۇا مەدەنىيەتنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى، سۇمرۇغ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان «جۇڭخۇا مەدەنىيتى شەخس مۇكاپاتى» تارقىتىش مۇراسىمى خېبىي ئۆلكىسى لاڭفاڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. مويەن قاتارلىق 10 ئادەم «جۇڭخۇا مەدەنىيتى شەخس مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى. مويەن شىۋىتسارىيەدە بولغانلىقتىن، مۇراسىمغا قاتنىشالماي، سىن ئارقىلىق سۆز قىلدى.
مويەندىن باشقا، دېرىژور جېڭ شياۋيىڭ، ناخشىچى دېدېما، رېژىسسور چېن شىنيى، تارىخشۇناس جۇ شاۋخوۋ قاتارلىق 9 نەپەر ئادەم بۇ شەرەپتىن ئورتاق بەھرىمەن بولدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە