باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى(1)

2012.12.17 09:17        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى 15-دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا ئېچىلدى. بۇ قېتىمقى يىغىندا خەلقئارا ۋە مەملىكەت ئىچى ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋەزىيىتى تەھلىل قىلىنىپ، 2012-يىللىق ئىقتىسادى خىزمەتلەر يەكۈنلىنىپ، 2013-يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.

  2013-يىلى پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش باشلانغان يىل، 12-بەش يىللىق پىلاننى يولغا قويۇشتا ئالدىنقى ئىشلارغا ۋارسلىق قىلىپ كېيىنكى ئىشلارغا يول ئېچىشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر يىل، شۇنداقلا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشقا پۇختا ئاساس سېلىنىدىغان مۇھىم بىر يىل، شۇڭا بۇ يىللىق ئىقتىسادىي خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور. 4-دېكابىر ئېچىلغان جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ يىغىنىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: كېلەر يىلى ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى مەركەز قىلىنىپ، مۇقىملىق ئىچىدە ئىلگىرى سۈرىلىدۇ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، پۇختا باشلاپ، ئىسلاھات ئېچىۋېتىش يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، ماكرولۇق تەڭشەپ كونترول قىلىش كۈچەيتىلىپ ۋە ياخشىلىنىپ، ئىچكى ئېھتىياج پائال كېڭەيتىلىپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى ئىستراتېگىيەلىك تەڭشەش كۈچەيتىلىپ، خەلق تۇرمۇشىغا كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلىنىپ ۋە ياخشىلىنىپ، ئىقتسادىي تەرەققىياتنىڭ ئىچكى ھاياتى كۈچى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى زورايتىلىپ، مال باھاسى ئومۇمىي سەۋىيەسىنىڭ ئاساسەن مۇقىملىقى ساقلىنىپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. ماكرولۇق ئىگىلىك سىياسىتىنىڭ ئىزچىللىقى ۋە مۇقىملىقى ساقلىنىپ، قاراتمىلىقى ۋە ئۈنۈمدارلىقى ئاشۇرۇلۇپ، ئالدىن تەكشۈرۈش ۋە مىكرولىق تەڭشەش مۇۋاپىق، ۋاقتىدا ئېلىپ بېرىلىپ، سىياسەت جەھەتتە ماسلىشىش ۋە ماسلاشتۇرۇش كۈچەيتىلىدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە