باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى(2)

2012.12.17 09:17        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات نىشانى بىر قەدەر ياخشى تاماملىنىپ، كېلەر يىلقى ئىقتىسادىي تەرەققىيات خىزمىتى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىندى. مۇقىم ئېشىش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئىچكى ئېھتىياج مەلۇم دەرىجىدە ئەسلىگە كەلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە تاشقى ئېھتىياج بىر قەدەر ياخشىلانغانلىقتىن، ئېشىش سۈرئىتى بىر مەھەل داۋاملىق تۆۋەنلىگەن جۇڭگو ئىقتىسادىي سېنتەبىردىن باشلاپ مۇقىملىق ئىچىدە ئۆرلىدى. سانائەت قاتارلىق ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەر ئۇدا ئۈچ ئاي ئۆرلىدى، ماكرولۇق ئىگىلىكىنىڭ ئالدىنقى كۆرسەتكۈچى بولغان ياسىمىچىلىقنىڭ سېتىۋېلىش دىرېكتورى كۆرسەتكۈچىمۇ ئۇدا ئۆرلىدى. ئىقتىسادشۇناسلار ئومۇميۈزلۈك مۇنداق دەپ مۆلچەرلىدى: پۈتۈن بىر يىلدا جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ئېشىش نىسبىتى يىل بېشىدا مۆلچەرلەنگەن %7.5 لىك نىشاندىن ئېشىپ كېتىدۇ، ئاھالىلەرنىڭ ئىستىمال باھاسى ئومۇمىي سەۋىيەسىنىڭ ئۆرلەش دەرىجىسى %3 ئىچىدە كونترول قىلىنىپ، تەخمىنەن %4 لىك تەڭشەپ كونترول قىلىش نىشانىدىن كۆرۈنەرلىك تۆۋەن بولىدۇ، بۇ نەتىجە ئاسان قولغا كەلمىگەن.جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ ئاساسەن ساغلام بولغانلىقىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، نۆۋەتتىكى ۋە بۇندىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە دۇچ كېلىدىغان خەتەر ۋە خىرسلارنى تۆۋەن مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ. كېلەر يىلى دۇنيا ئىقتىسادىي ئومۇمىي جەھەتتىن داۋاملىق كاسات ھالەتتە بولىدۇ، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنىڭ يۈزلىنىشىدە يەنە نۇرغۇن ئېنىقسىزلىقلار مەۋجۇت، جۇڭگو ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ تاشقى مۇھىتى يەنىلا جىددىي. مەملىكەت ئىچىدىكى ئۇزاق مۇددەت يىغىلىپ قالغان ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەددىدىن زىيادە ئېشىپ كېتىش، مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ئاجىز بولۇش، بايلىق مۇھىتى چەكلىمىسى قاتارلىق زىددىيەتلەر تۈپتىن ھەل بولمىدى، ئەمگەك كۈچى تەننەرقىنىڭ ئۆرلىشى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈزلۈكسىز پەيدا بولۇپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەش، تەرەققىيات ئۇسۇلىدا بۇرۇلۇش ياساش ۋەزىپىسى جاپالىق بولماقتا.

  جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇتەخەسسىسى مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: كېلەر يىلقى ئىقتىسادىي خىزمەتتە ماكرولۇق سىياسەتنىڭ ئىزچىللىقى ۋە مۇقىملىقى، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى مۇستەھكەملەشتەك ياخشى ۋەزىيەتنى ساقلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يىراققا نەزەر تاشلاپ، ئىقتىسادى ئېشىشنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى مەركەز قىلىپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەشتە روشەن ئالغا ئىلگىرلەشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىش كېرەك، ماكرولۇق سىياسەت سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىسلاھاتتىن پايدىلىنىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، مەسىلىنى تۈزۈلمە مېخانىزىمىدىن ھەل قىلىش؛ يېڭىلىق يارىتىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، كارخانىلارنىڭ پەن تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنىنى جارى قىلدۇرۇپ، پەن تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يېڭى يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە