باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى نۇرغۇن جايلار قار ئاپىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى

2012.12.17 17:00         مەنبە: شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىستانسىمىز خەۋىرى: مۇشۇ ئاينىڭ 11- كۈنىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نۇرغۇن جايلار قار ئاپىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى. شىمالىي شىنجاڭ رايونىدىكى ئىلى، تارباغاتاي قاتارلىق جايلاردىكى تاغلىق رايونلاردا، يىغىندا قارنىڭ قېلىنلىقى يېرىم مېتىردىن ئاشتى. يول يۈرۈش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، قاتناش ساقچىلىرى كەڭساي ئېغىزىدا، ئاپتومىللارنىڭ چاققا زەنجىر ئورناتقاندىن كېيىن يولغا چىقىشىنى ئەسكەرتتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 11- ئايدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىلى، تارباغاتاي، سانجى قاتارلىق 5 ۋىلايەت، ئوبلاستتىكى 10 نەچچە ناھىيە- شەھەر قار ئاپىتىگە ئۇچرىغان. بولۇپمۇ، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى قار ئاپىتىدە، بىر ئادەم قازا قىلىپ، 13 مىڭ 529 ئادەم ئاپەتكە ئۇچرىغان. بىۋاستە ئىقتىسادىي زىيان 34 مىليون 719 مىڭ يۈەنگە يەتكەن. ناچار ھاۋارايى شارائىتىغا قارىتا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى ئاپەتكە ئۇچرىغان جايلارغا ياردەم پۇلى ۋە تۇرمۇش بويۇملىرىنى تارقىتىپ بەرگەن. يەرلىك ھۆكۈمەتلەرمۇ زاپاس ساقلىغان كۆمۈر، قىشلىق كىيىم- كېچەك، يوتقان قاتارلىق ماددىي ئەشيالارنى ھەر قايسى ناھىيىلەرگە ئالدىن يەتكۈزگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى قاتناش، خەلق ئاۋىئاتسىيە، ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش كارخانىلىرى قاتارلىق ئورۇنلارمۇ جىددىي بىر تەرەپ قىلىش لايىھىلىرىنى مۇۋاپىق ۋاقىتتا يولغا قويۇپ، ناچار ھاۋارايى شارائىتىنىڭ تەسىرىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈشكە تىرىشقان.تەرجىمان: مىھرىئاي ئوسمان

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە