باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جۇڭگو يېڭى بىر نۆۋەتلىك شەھەر-بازارلاشتۇرۇش مۇساپىسىگە ئاتلاندى

2012.12.17 15:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  12-ئاينىڭ 16-كۈنى، مەركەزنىڭ ئىقتىسادىي خىزمەت يىغىنى بېيجىڭدا يېپىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلدى، ئۇ خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىپ، كېلەر يىللىق ئىقتىسادىي خىزمەتنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە ئاساسىي ۋەزىپىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: شەھەر-بازارلاشتۇرۇش‐‐ دۆلىتىمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ تارىخىي ۋەزىپىسى، ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇشنىڭ ئەڭ چوڭ يوشۇرۇن كۈچى. شەھەر-بازارلاشتۇرۇشنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى چۆرىدىگەن ھالدا، ۋەزىيەتنىڭ يۆنىلىشىگە قاراپ يېتەكلەپ، پايدىنى قولغا كەلتۈرۈپ زىياندىن ساقلىنىپ، شەھەر-بازارلاشتۇرۇشنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا پائال يېتەكچىلىك قىلىش لازىم. ئىلمىي-مۇۋاپىق بولغان شەھەر ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك شەھەرلەر، كىچىك شەھەر-بازارلار ۋە شەھەرلەر توپىنى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، رايون ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە كەسىپلەرنىڭ جايلىشىشى بىلەن زىچ ئۇلاشتۇرۇش، بايلىق ۋە مۇھىتنىڭ كۆتۈرۈشچانلىقى بىلەن ماسلاشتۇرۇش لازىم. يېزا ئىگىلىك كۆچمە نوپۇسىنىڭ شەھەرلىشىشىنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇھىم ۋەزىپە قاتارىدا ھەقىقىي ياخشى تۇتۇش كېرەك. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسى ۋە پىرىنسىپىنى شەھەر-بازارلاشتۇرۇشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، كۆجەملەشكەن، ئەقلىي ئىقتىدارلىق، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش يولىدا مېڭىش كېرەك. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە