باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۈركىيە ئىران بىلەن رۇسىيەنى جىددىيلەشتۈردى

2012.12.18 13:31        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىران ئارمىيە دائىرلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك گېنېرالى 15-دېكابىر تۈركىيەنىڭ چىگرا تەۋەسىگە ئامېرىكىنىڭ «ۋەتەنپەرۋەر» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە كۆرۈش سېستىمىسى ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى توختىتىشقا ئاگاھلاندۇردى، بۇنداق قىلىش سۈرىيە بىلەن توقۇنۇشۇپ قېلىش ئېھتىماللىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دەپ ھېسابلىدى.

  ئىران دۆلەتلىك تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى ئارمىيە دائىرلىرى بىرلەشمە باش شتاب بۆلۈمىنىڭ شتاب باشلىقى ھەسەن فىلۇز ئابادنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: ۋەتەنپەرۋەر ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى ئورۇنلاشتۇرۇش-ئىسرائىلىيەنى ئىراننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراشتىن قوغداش، شۇنىڭ بىلەن تەڭ روسىيەنىڭ سۈرىيەدىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىغا چەك قويۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.

  فىلۇز ئاباد مۇنداق دېگەن: ئۇرۇش قوزغاشتىن ئىلگىرى، ياۋروپا، ئامېرىكا ۋە تۈركىيەدىكى ئاقىللار ۋەتەنپەرۋەر ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى قۇراشتۇرماسلىقى، ئۇنى بۇ رايوندىن ئېلىپ چىقىپ كېتىشى كېرەك. بىز تۈركىيەنىڭ دوسىتى، تۈركىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراشتىن ئەنسىرەپ، چىگرا تەۋەسىگە ۋەتەنپەرۋەر ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەمەس، بىخەتەر بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  فىلۇز ئاباد يەنە بىر قېتىملىق زىيارىتىدە ئىران دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرىغا مۇنداق دېگەن: «ۋەتەنپەرۋەر» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا يەھۇدىي تىرىلدۈرمىچىلىرىنىڭ مۇداپىئە لېنىيەسى، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىران بىلەن روسىيەنىڭ سۈرىيەنى قوغدىشىدىن ئەنسىرگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى. ئۇ مۇنداق دېدى: غەرب دۆلەتلىرى بىر مەيدان دۇنيا ئۇرۇشى پىلانلاۋاتىدۇ، شۇ سەۋەپتىن سۈرىيە ۋە تۈركىيە چىگراسىغا «ۋەتەنپەرۋەر» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەستىقلاۋاتىدۇ.

  ئىراننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئەلى ئەكبەر سالىف شۇ كۈنى مۇنداق دېدى: ئىران ھۆكۈمىتى باشار ھاكىمىيىتىنىڭ غولاپ چۈشۈشىگە قاراپ تۇرمايدۇ. ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ سۈرىيە ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۋېتىش پىلانى ۋە قېلىپىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا قاراپ تۇرمايدۇ.

  سۈرىيەدە ئۆتكەن يىلى 3-ئايدا پىرېزىدېنت باشار ئەسەدكە قارشى نامايىش پارتىلغاندىن بۇيان، ئاخىرىقى ھېسابتا بۈگۈنگىچە 20 ئايدەك داۋاملاشقان ئىچكى ئۇرۇش ئايلىنىپ كەتتى. سۈرىيە ئىككى تەرەپنىڭ ئېتىشىشىدا ئىككى تەرەپنىڭ توپ ئوقى تۇرۇپ-تۇرۇپ تۈركىيە تەۋەسىگە چۈشۈپ، تۈركىيەنىڭ قارشىلىقىنى قوزغىدى. تۈركىيە باشار ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەپ، ئۆكتىچى قوراللىق كۈچلەرنى قوللىدى ھەم سۈرىيە مۇساپىرلىرىنى لاگىر بىلەن تەمىنلىدى.

  ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 14-دېكابىر تۈركىيەگە «ۋەتەنپەرۋەر» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سېستىمىسىدىن ئىككىنى ۋە 400 ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەستىقلىدى. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تۈركىيەگە «ۋەتەنپەرۋەر» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن ئالتە يۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇشنى، بۇنىڭ ئىككىسىنى ئامېرىكا، گېرمانىيە ۋە گوللاندىيە تەييارلايدىغانلىقىنى، پۈتكۈل سېستىما كېلەر يىلى 1-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن سەپلىنىپ بولىدىغانلىقى ۋە ئەمەلىي جەڭ قىلىش ھالىتىگە كىرىپ بولىدىغانلىقىنى بېكىتتى.

  تۈركىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆتكەن ئاينىڭ 21-كۈنى تۈركىيە تەۋەسىگە «ۋەتەنپەرۋەر» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى ئورۇنلاشتۇرۇش تەلىپىنى ئىلتىماس قىلىپ، سۈرىيەدىن كېلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىدىن ساقلانماقچى بولدى. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى 4-دېكابىر بۇنى تەستىقلىدى.

  مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە