باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

لەنجۇ–شىنجاڭ تۆمۈر يولىنى ئېلېكتىرلەشتۈرۈپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى پۈتتى، يىل ئاخىرى تىجارەت باشلىنىدۇ

2012.12.18 13:28        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ 13–دېكابىر ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، لەنجۇ–شىنجاڭ تۆمۈر يولىنى ئېلېكتىرلەشتۈرۈپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى يېقىندا ئومۇميۈزلۈك پۈتۈپ، تۆمۈريول تارماقلىرى ئالاقىدار سىناقلارنى ئىشلەۋېتىپتۇ، مۆلچەرلىنىشىچە، يىل ئاخىرى ئومۇمىي لىنىيە بويىچە يۈرۈپ، تىجارەت باشلىنىدىكەن.

  يېقىندا لەنجۇ–شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ لەنجۇدىن جيايۈگۈەنگە قاتنايدىغان بۆلىكى ئېلېكتىرلەشتۈرۈپ بولۇندى. تۆمۈريول تارماقلىرى لەنجۇ–شىنجاڭ تۆمۈريولى ئومۇمىي لىنىيەسىنىڭ سۈرئىتى ۋە تىرانسپورت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، 2008–يىلىدىن باشلاپ لەنجۇ–شىنجاڭ تۆمۈريولى شىنجاڭ بۆلىكىنى ئېلېكتىرلەشتۈرۈپ ئۆزگەرتتى. ئۇنىڭ ئىچىدە ئەنبېي ۋوگزالىدىن ليۇيۈەن ۋوگزالىغىچە بولغان بۆلىكى، ئۈرۈمچى غەربىي ۋوگزالىدىن ئالاتاۋ ئېغىزى ۋوگزالىغىچە بولغان بۆلىكى پۈتۈپ ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلدى، خۇڭليۇخې ۋوگزالىدىن ئۈرۈمچى غەربىي ۋوگزالىغىچە بولغان بۆلىكىمۇ يېقىندا پۈتتى.

  ھازىر ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسىنىڭ شىنجاڭنىڭ باشقۇرۇشىدىكى ھەرقايسى بۆلەكلەرنى مەخسۇس تەكشۈرۈش پويىزى ئومۇمىي لىنىيە بويىچە قاتناپ سىناق قىلىنىۋاتىدۇ، ئارقىدىن ئېلېكتىروۋۇز ئېغىر يۈك بىلەن قاتناپ سىنىلىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئاخىرى لەنجۇ–شىنجاڭ ئېلېكتىرلەشتۈرۈلگەن تۆمۈريولى لايىھەلەنگەن سۈرئەتتە ئومۇمىي لىنىيە بويىچە يۈرۈپ، تىجارەت باشلايدىكەن.

  مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە