باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئوباما ئېچىنىشلىق قوراللىق دېلولارنىڭ يۈز بېرىشىنى توسىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەردى

2012.12.18 13:27        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما 16-دېكابىر كوننېكتىكات ئىشتاتىدا مۇراسىمغا قاتناشقاندا، ساندىخوك باشلانغۇچ مەكتىپىدە يۈز بەرگەن ئوققا تۇتۇش ۋەقەسىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى ياد ئەتتى. ئۇ سۆزىدە ھەرىكەت قوللىنىپ مۇشۇنداق ۋەقەلەرنىڭ قايتا يۈز بېرىشىنى توسىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەردى. ئوباما مۇنداق دېدى: ئامېرىكا بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن بالىلارنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلالمىدى. ئۇ: ھازىرقى ئەھۋالنى ئۆزگەرتىش ھەمدە مۇشۇنداق پاجىئەلەرنىڭ يەنە يۈز بېرىشىنى توسۇش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.

  14-دېكابىر ساندىخوك باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 20 بالا ۋە ئالتە چوڭ ئادەم قازا قىلدى. بۇ دېلو پۈتۈن ئامېرىكىنى زىل زىلىگە كەلتۈرۈپ، قورالنى كونترول قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئەسكەرتتى. دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى دىئانا فايىستىن 16-دېكابىر مۇنداق دېدى: دېموكراتلار پارتىيىسى يېڭى دۆلەت مەجلىسى ئىش باشلىغان تۇنجى كۈنىلا ھەرىكەت قوللىنىپ، 2004-يىلى كۈچتىن قالغان ھۇجۇم قىلىش خاراكتېرىدىكى قوراللارنى چەكلەش چەكلەش ھەققىدىكى فېدېراتسىيە بۇيرۇقىنى قايتىدىن كۈچكە ئىگە قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە نيۇ يورك شەھىرىنىڭ باشلىقى مايكىل بولۇمبېرك قاتارلىق قورالنى كونترول قىلىشنى قوللىغۇچىلار ئوبامانىڭ دەرھال ھەرىكەت قوللىنىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

  مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە