باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چاۋشيەن بۇ يىل چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى

2012.12.18 13:30        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈنۈگۈن چاۋشيەننىڭ مەرھۇم رەھبىرى كىم جۇڭئىل ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىنىڭ بىر يىللىق خاتىرە كۈنى، چاۋشيەن ئۈلۈشكۈن پيوڭياڭدا مەركەز ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جۇڭئۇن پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە رەھبەرلىرىنى باشلاپ مۇراسىمغا قاتناشتى. كورېيەدە چىقىدىغان «چاۋشيەن گېزىتى» كىم جۇڭئىل ۋاپات بولغان، كىم جۇڭئۇن ئىزباسار بولغان بىر يىلدىن بۇيانقى ئىشلارنى «ئىقتىسادى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلدى، كادىرلار تەڭشەلدى ۋە سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىلدى» دېگەن ئاچقۇچلۇق سۆزلەرگە يىغىنچاقلىدى. كورېيە نيۇشىس ئاگېنتلىقى 16-دېكابىر مۇنداق دېدى: ئۆتكەن يىلى 17-دېكابىر كىم جۇڭئىل ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئىزىنى باسقان كىم جۇڭئۇن سىرتتىكىلەرنىڭ ياش ۋە تەجرىبىسىز دېگەندەك گۇمانىنى قوزغىدى. لېكىن بىر يىلدىن بۇيان، كىم جۇڭئۇن دۇنيا ئەھلىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغۇدەك تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ، ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش ۋە ئۆتكۈزۈۋېلىشنى سىلىق تاماملىدى. ئامېرىكا قوشما شتات ئاگېنتلىقى مۇنداق دېدى: چاۋشيەن 12-دېكابىر سۈنئىي ھەمراھنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىشنى مەرھۇم رەھبىرىنى ياد ئېتىش سوۋغىسى قىلدى. كىم جۇڭئىل چاۋشيەنگە ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش ۋە پەن-تېخنىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشنى مىراس قالدۇردى، بۇمۇ چاۋشيەننىڭ ئىلغار پەن-تېخنىكا ۋە ھەربىي تېخنىكىغا يۈرۈش قىلىشىغا تۈرتكە بولدى

  كورېيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، چاۋشيەن مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىلەن چاۋشيەن مەركىزى رادىئو ئىستانسىسى 16-دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمىنى نەق مەيداندىن خەۋەر قىلغان. ئامېرىكا قوشما شتات ئاگېنتلىقى: تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمى داغدۇغىلىق ھەم سۈرلۈك بولدى دېدى. چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئالىي خەلق كېڭىشى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى كىم يوڭنام تەزىيە سۆزىدە مۇنداق دېدى: كىم جۇڭئىلنىڭ ھاياتى ئىنقىلابى بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پولاتتەك ئىرادە ۋە ئادەتتىن تاشقىرى روھ بىلەن ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئاچقان ئۇلۇغ ئىنقىلابچىلارنىڭ شانلىق ھاياتى، بىر نىيەت بىر مەقسەتتە ۋەتەن ۋە خەلق ئۈچۈن خالىس تۆھپە قوشىدىغان كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەتەنپەرۋەرلەرنىڭ ھاياتى. خەۋەرگە قارىغاندا، كىم جۇڭئۇن تەزىيە مۇراسىمىدا سۆز قىلمىغان.

  چاۋشيەن ئاممىسىنىڭ ئۆزلۈكىدىن كىم جۇڭئىلغا تەزىيە بىلدۈرۈش پائالىيەتلىرى 16-دېكابىر ئەۋجىگە چىقتى، پايتەخت پيوڭياڭ شەھەر ئاممىسى شۇ كۈنى بەس بەستە شەھەر ئىچىدىكى بەلگە خاراكتېرلىك ئورۇنلارغا بېرىپ كىم جۇڭئىلنى ياد ئەتتى. كىم ئېرسىن ۋە كىم جۇڭئىلنىڭ مىس ھەيكىلى ئالدىدىكى مەيداندا، «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» مۇخبىرى مۇنۇلارنى كۆردى: گەرچە بىر قانچە كۈن قاتتىق قار ياققان، قاتناش قۇلاي بولمىسىمۇ لېكىن ئۆزلۈكىدىن گۈل-چەمبىرەكلەرنى قويۇۋاتقان كىشىلەر ئۈزۈلمەيتتى، پۈتۈن مەيدانغا كىشىلەر لىق تولغانىدى.

  چەتئەل تاراتقۇلىرى 16-دېكابىر كىم جۇڭئۇن ئىز باسار بولغان بىر يىلدىن بۇيانقى چاۋشيەندىكى ئۆزگىرىشلەرنى «چاۋشيەن بۇ يىلدا» دېگەن سۆزلەرگە خۇلاسىلىدى. كورېيە نيۇشىس ئاگېنتلىقى مۇنداق دېدى: كىم جۇڭئۇننىڭ ئوبرازىنى گەۋدىلەشتۈرۈش جەھەتتە، ئۆتكەن بىر يىلدا چاۋشيەنگە يۇقىرى نومۇر قويسا بولىدۇ. كىم جۇڭئۇن ئايالى لى شۆجۇ بىلەن بىرگە سەمىمىي رەھبەر ئوبرازىنى گەۋدىلەندۈردى، پۇرسەت بولسىلا ياشانغانلار، ئاياللار ۋە بالىلار بىلەن بىرگە سۆھبەتلىشىپ، خەلقچىل ئوبرازىنى كىشىلەر قەلبىگە سىڭدۈردى. كىم جۇڭئۇننىڭ ئوبرازىنى ئاتىسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ تېخىمۇ يېقىملىق، ئۇ باغچىدا ھەربىيلەر بىلەن بىرگە قولتۇقلىشىپ ماڭغان، ئۆز قولى بىلەن ئوت چۆپ يۇلغان. بۇندىن باشقا، بۇ يىل ئاپرېلدا چاۋشيەن راكېتا قويۇپ بېرىپ مەغلۇب بولغاندىن كېيىن دەرھال ئېتىراپ قىلىشىمۇ كىم جۇڭئۇنچە ئاشكارا رەھبەرلىك ئۇسۇلىنى نامايان قىلىپ بەردى.

  «چاۋشيەن گېزىتى»دە مۇنداق دېيىلدى: بۇ يىل يازدا چاۋشيەننىڭ ئىچى سىرتىدا «ئىقتىسادى ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە باشلىدى» دېگەندەك سۆزلەر بىر مەھەل كېلىپ چىقتى، بۇ شۋېتسارىيىدە ئوقۇغان كىم جۇڭئۇننىڭ كۈتكىنى بىلەن ئوخشىمايتتى. لېكىن پارتىيە ئىچىدىكى ئاق ساقاللارنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن ئىسلاھات قەدىمى ئاستىلاپ كەتتى. چاۋشيەننىڭ ھەربىي جەھەتتىن باشلىغان كادىرلارنى تەڭشىشىمۇ ئوخشاشلا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى، چاۋشيەن كابىنېتىدىكى ئون مىنىستىر بۇ يىل ئالماشتۇرۇلدى. بۇ يىل ئىيۇندا چاۋشيەن خەلق ئارمىيىسىنىڭ سابىق باش شتاب باشلىقى لى يىڭخاۋ تۇيۇقسىز ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى، ئۇندىن كېيىن خەلق قوراللىق بۆلۈمىنىڭ باشلىقى كىم جوڭگى ھەمدە ئىلگىرى خەلق قوراللىق بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان كىم يوڭچان قاتارلىق كىم جۇڭئىلنىڭ تەزىيە مۇراسىمىدا ئۇنىڭ تاۋۇتىغا ھەمراھ بولۇپ ماڭغان يەتتە كىشىنىڭ تۆتى بىردەك ۋەزىپىسىدىن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى ياكى دەرىجىسى تۆۋەنلىتىلدى. رېينىر ئاگېنتلىقى 16-دېكابىر مۇنداق دېدى: بۇندىن بۇرۇن سىرتتىكىلەر ياش يېڭى رەھبەر كىم جۇڭئۇننىڭ ئالىي ھوقۇقنى تۇتالايدىغان تۇتالمايدىغانلىقىدىن خېلى گۇمانلانغان ئىدى، بەزىلەر ئۇنىڭ چاۋشيەننىڭ يۇقىرى قاتلام سىياسىي كۆرۈشىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كېتىشىدىن ئەمدىشە قىلغان ئىدى. ئەمما ھازىرقى ئەھۋالدىن قارايدىغان بولساق، پارتىيە ئىچىدىكى قوللاش كۈچلىرىنىڭ ياردىمى ئارقىسىدا كىم جۇڭئۇن ھاكىمىيەتنى مۇقىم ساقلاپ، ئالىي رەھبەرلىك قاتلىمىنى قايتىدىن ئىسلاھ قىلدى ھەمدە ئۆزىنىڭ تامغىسىنى باستى.

  مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە