باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ليۇ يۈنشەن: يولداش لو ياڭدەك جاسارەتلىك جۇڭگولۇقلاردىن بولايلى

2012.12.18 15:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، يولداش لو ياڭنىڭ ئىلغار ئىش-ئىزلىرىدىن دوكلات بېرىش يىغىنى 17-چىسىلا چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. دوكلات يىغىنىدىن بۇرۇن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى ليۇ يۈنشەن دوكلات ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن يولداش لو ياڭنىڭ رەپىقىسى ۋاڭ شىلىدىن، ئۇ ئارقىلىق يولداش لوياڭنىڭ ئانىسىدىن سەمىمىي ھال سورىدى ھەمدە مەركىزىي تەشكىلات بۆلۈمى يولداش لو ياڭغا بەرگەن «مەملىكەتلىك ئىلغار پارتىيە ئەزاسى» دېگەن گۇۋاھنامىنى بەردى، يولداش لوياڭنىڭ ئىلغار ئىش –ئىزلىرى، ئېسىل پەزىلىتى ۋە قىممەتلىك روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە تەشۋىق قىلىش تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  لو ياڭ ھايات چېغىدا «تارمار _ 15» ناملىق ئاۋىياماتكا ئايروپىلانى تەتقىق قىلىپ ياساش نەق مەيدانىنىڭ باش قوماندانى، جۇڭگو ئاۋىئاتسىيە سانائەت گۇرۇھى شېنياڭ ئايرۇپىلان سانائىتى (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى، باش دىرېكتورى ئىدى. بۇ يىل 11-ئاينىڭ 25-كۈنى «لياۋنىڭ» ناملىق ئاۋىياماتكىدا مەشىق ۋەزىپىسى تاماملانغاندىن كېيىن تۇيۇقسىز يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ، بەختكە قارشى خىزمەت ئۈستىدە ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، كىشىلەر ئوخشاش بولمىغان ئۇسۇلدا لو ياڭغا بولغان ھۆرمەت ۋە سېغىنىشىنى بىلدۈردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مەخسۇس مۇھىم كۆرسەتمە بېرىپ، يولداش لو ياڭنىڭ ئىلغار ئىش-ئىزلىرىنى ناھايىتى ياخشى يەكۈنلەپ ۋە تەشۋىق قىلىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنى يولداش لوياڭنىڭ ئېسل پەزىلىتى ۋە قىممەتلىك روھىدىن ئۆگىنىشكە چاقىرىشنى تەلەپ قىلدى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە