باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىمپورت-ئېكسپورت تاموژنا كېلەر يىلى 1-يانۋاردىن تارتىپ تەڭشىلىدۇ

2012.12.18 13:34        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى تاموژنا بېجى نىزامى كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشى ۋە دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ تەستىقلىشى ئارقىلىق، ئېلىمىز ئىمپورت-ئېكسپورت تاموژنا بېجىنى كېلەر يىلى 1-يانۋاردىن تارتىپ قىسمەن تەڭشەيدۇ.

  كېلەر يىلى بۇغداي قاتارلىق يەتتە خىل يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى ۋە ئورىيا قاتارلىق ئۈچ خىل خىمىيىۋى ئوغۇت ئىمپورتىغا قارىتا، داۋاملىق نورمىلىق باشقۇرۇش يولغا قويۇلىدۇ ھەم ئورىيا قاتارلىق ئۈچ خىل خىمىيىۋى ئوغۇتقا قارىتا، %1 لىك ۋاقىتلىق نورمىلىق تاموژنا بېجى يولغا قويۇلىدۇ. ئىمپورتنى پائال كۆپەيتىش ئۈچۈن، كېلەر يىلى ئېلىمىز 780 خىلدىن ئارتۇق ئىمپورت تاۋىرىدىن ئەڭ ئېتىبارلىق دۆلەت بېجى نىسبىتىدىن تۆۋەن بولغان يىللىق ئىمپورت ۋاقىتلىق بېجى ئالىدۇ.

  كېلەر يىلى ئېلىمىز داۋاملىق ۋاقىتلىق باج ئۇسۇلى ئارقىلىق، كۆمۈر، خام نېفىت، خىمىيىۋى ئوغۇت، تۆمۈر قېتىشمىسى قاتارلىق مەھسۇلاتلاردىن ئېكسپورت بېجى ئالىدۇ.

  مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە