باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2013-يىلى جۇڭگو ئىقتىسادىي پۇرسەت ۋە خىرىس ئىچىدە تەرەققىي قىلىدۇ

2012.12.18 13:33        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئېلىمىز تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىنىڭ خەلقئارا مۇھىت جەھەتتىكى مەزمۇنى ۋە شارائىتىدا ناھايىتى زور ئۆزگىرىش بولدى، دۇچ كەلگەن پۇرسەت ئەمدى يەر شارى ئىش تەقسىماتى سىستېمىسىغا ئاسانلا كىرىش، ئېكىسپورتنى كېڭەيتىش، مەبلەغ سېلىشنى تېزلىتىشنىڭ ئەنئەنىۋىي پۇرسىتى بولمايدۇ، بەلكى بىزنى ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات ئۇسۇلىدا بۇرۇلۇش ياساشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دەۋەت قىلىشنىڭ يېڭى پۇرسىتى بولىدۇ.

  دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى تاشقى ئىقتىساد تەتقىقات بۆلىمىنىڭ باشلىقى لوڭ گوچياڭ مۇنداق دەپ قارىدى: پۇل مۇئامىلە كىرزىسى يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى، ئېلىمىز شەرقىي ئاسىيا رايونىدىكى كەسىپلەرنى يۆتكەش ۋە يەر شارىنىڭ سىرتقى ئېھتىياج بازىنى گۈللەندۈرۈشتىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ تۆۋەن تەننەرخلىق ئەمگەك كۈچى ئۈستۈنلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئېكىسپورتنى كېڭەيتىش ئارقىلىق بېكىنمە ئىقتىساددىن ياسىمىچىلىق چوڭ دۆلىتىگە يۈرۈش قىلدى، بۇنىڭدىن كېيىن تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادى ئۇزاق مۇددەت چېكىنگەن ئارقا كۆرۈنۈشتە يەر شارىدىكى مەبلەغ سالغۇچىلار جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ئىستىقبالىغا چوڭ ئۈمىد باغلايدۇ، دۇنيا دارئىسىدە يۇقۇرى دەرىجىلىك بايلىقنىڭ قايتا تەقسىملىنىشىدىن ئۈمىد بار، شۇ چاغدا ئىلغار كەسىپلەر جۇڭگوغا يۆتكىلىشىتەك يېڭى ۋەزىيەت بارلىققا كېلىدۇ، بۇ ئېلىمىزنىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسىدا بۇرۇلۇش ياساشتىكى چوڭ بىر پۇرسەت.

  ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: نۆۋەتتە تەكشىسىز، تەڭپۇڭسىز، سىجىلسىزلىق مەسىلىلىرى يەنىلا مەۋجۇد، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى تۆۋەنلەش بېسىمى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئېشىنىپ قېلىش زىددىيىتى كەسكىنلىشىۋاتىدۇ، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تىجارەت تەننەرخى ئېشىش، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى يېتىشمەسلىك مەسلىلىرى مەۋجۇد، پۇل مۇئامىلە ساھەسىدە يوشۇرۇن خەۋپ بار، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە مەبلەغ مۇھىتى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت يەنىلا گەۋدىلىك.

  دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى تەرەققىيات ۋە تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى جاڭ لىچۈننىڭ قارىشىچە، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا بازاردىكى تەمىنلەش ۋە ئېھتىياج مۇناسىۋىتىدە ئۆزگىرىش بولغان، ئەمگەك كۈچى، مەبلەغ، يەر قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەننەرخى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ بارغان، بۇ ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ تەكشىسىز ، تەڭپۇڭسىز، سىجىلسىز بولۇش بېسىمىنى ئاشۇرۇپ، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ ساغلام، سىجىل تەرەققىي قىلىشىدىكى خىرىسقا ئايلانغان.

  يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: كېلەر يىلى ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش مەركەز قىلىنىدۇ، مۇقىملىق ئىچىدە ئالغا ئىلگىرلەپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، پۇختا ۋەزىيەت يارىتىپ، ئىسلاھات ئېچىۋېتىش يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، يېڭىلىق يارىتىش يەنىمۇ كۈچەيتىلىدۇ.

  ئىقتىسادشۇناسلار مۇنداق دەپ قارىدى: پۇرسەت بىلەن خىرىس تەڭ مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇۋاتقان يېڭى ۋەزىيەتتە كېلەر يىلى ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش سۈپىتىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلىپ، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشقا تېخىمۇ تايىنىلىدۇ، جۇڭگو ئىقتىسادى سىجىل ساغلام تەرەققىي قىلىشنىڭ يېڭى مۇھىتىغا ئېرىشىدۇ.

  دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى مەسلىھەتچىلەر ئىشخانىسىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىق تەتقىقاتچىسى ياۋ جىڭيۈەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يىغىندا ئىقتىسادنىڭ ئېىشش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى مەركەز قىلىپ،قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شاللاش قەدىمىنى تېزلىتىپ، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئىستراتېگىيەلىك تەڭشەشنى ئىلگىرى سۈرۈش ــ كېلەر يىللىق كەسىپ سىياسىتىنىڭ مۇھىم يۆنىلىشى بولىدۇ دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  مەركىزىي مالىيە ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگو بانكا كەسپى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى گو تيەنيوڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مالىيە ۋە پۇل سىياسىتىنىڭ ئاساسىي يۆنىلىشى گەرچە ئۆزگەرمىگەن بولسىمۇ ئەمما قۇرۇلما خاراكتېرلىك باجنى ئازايتىش، جەمئىيەتتە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمىنى كېڭەيتىش كېلەر يىللىق ماكرولۇق سىياسەتنىڭ يېڭى نۇقتىسى بولىدۇ.

  قاتناش بانكىسىنىڭ باش ئىقتىسادشۇناسى ليەن پىڭنىڭ قارىشىچە كېلەر يىللىق ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى مالىيە باج، پۇل مۇئامىلە، كىرىم تەقسىماتى قاتارلىق تەرەپلەرگە چېتىلىشى مۇمكىن ئىكەن، بۇ قېتىمقى يىغىندا ئىسلاھات ئىرادىسى تەكىتلەندى، ئىسلاھات ۋاقىت جەدۋىلى ، ئىسلاھاتتا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىلىدىغانلىقى، تېخىمۇ ئەمەلىي قەدەم باسقۇچ ۋە تەدبىرلەرنىڭ چىقىرىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە