- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
جەنۇبىي شىنجاڭ چېگرا ئېغىزىنىڭ مال كىرگۈزۈش-چىقىرىش مىقدارى 1 مىليون توننىدىن ئاشتى
2012.12.18 13:35
ئالدىنقى 11 ئايدا، جەنۇبىي شىنجاڭ چېگرا ئېغىزىنىڭ مال كىرگۈزۈش-چىقىرىش مىقدارى 1 مىليون توننىدىن ئېشىپ، سودا سوممىسى 4 مىليارد 940 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى، مال كىرگۈزۈش-چىقىرىش مىقدارى پۈتۈن يىلدا 1 مىليون 200 مىڭ توننىدىن ئېشىشى مۇمكىن.
قىرغىزىستان جەنۇبىي شىنجاڭ چېگرا ئېغىزىنىڭ بىرىنچى سودا شېرىكلىك ئورنىنى داۋاملىق ساقلىدى، پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورتى بولسا سەل ئازايدى. ئالدىنقى 11 ئايدا، جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستاننىڭ ئىككى تەرەپلىك سودا ئومۇمىي قىممىتى 4 مىليارد 570 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ چېگرا ئېغىزىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكى مال كىرگۈزۈش-چىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %75.3 ىنى ئىگىلىدى؛ پاكىستان بىلەن بولغان ئىككى تەرەپلىك سودا ئومۇمىي قىممىتى 170 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %37.8 تۆۋەنلەپ، جەنۇبىي شىنجاڭ چېگرا ئېغىزى تاشقى سودا سودا ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %2.8 ىنى ئىگىلىدى.
مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە