باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى كۆرسەتكۈچىدە يەنە يېڭى سەۋىيە يارىتىلدى

2012.12.18 13:34        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيەسى تۈنۈگۈن بېيجىڭدا ئېلان قىلغان «جۇڭگونىڭ 2012-يىللىق كۈتۈنۈش پۇلى تەرەققىياتى دوكلاتى» دا، 2011-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شەھەر-بازارلاردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنىڭ تۈرلۈك كۆرسەتكۈچىدە يەنە تارىختىكى يېڭى سەۋىيە يارىتىلدى، دەپ كۆرسىتىلدى.

  دوكلاتتا تونۇشتۇرىلىشىچە، شەھەر-بازالاردىكى تۈرلۈك كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرى، يەككە سودا-سانائەتچىلەر ۋە باشقا جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنى قاپلىغان كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرى ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى بويىچە سۇغۇرتىغا قاتناشقانلار 283 مىليون 910 مىڭغا، كۈتۈنۈش پۇلى ئېلىۋاتقانلار 68 مىليون 260 مىڭغا، ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان دېھقان ئىشلەمچىلەر 41 مىليون 400 مىڭغا يەتكەن. يىل ئاخىرىدا، كارخانا ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلار 262 مىليون 840 مىڭغا يەتكەن.

  مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە