باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئاخىرەت سەپسەتىسىنىڭ تەسىرى، كادىرلارنىڭ ئىستىل جەھەتتىكى ساختىلىقى، مەكتەپنىڭ بىخەتەرلىك-ئالدىنى ئېلىش سېلىنمىسىنىڭ تۆۋەنلىكى قاتارلىق بىر قاتار ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ئاخىرى ئېچىنىشلىق ئاقىۋەت پەيدا قىلدى

2012.12.18 15:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «گۇاڭشەندىكى ئوقۇغۇچىلار زىيانكەشلىككە ئۇچراش دېلوسى» قانداق يۈز بەردى

  گۇاڭشەن ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى: دېلوغا چېتىلىدىغانلار قۇرامىغا يەتمىگەنلەر بولغاچقا، ئازدۇرۇش تەسىرى پەيدا قىلىشى تۇرغانلا گەپ، شۇڭا دەسلەپكى رازۋېدكا قىلىش، بېجىرىش ئەھۋاللىرىنى ئاشكارىلاش مۇۋاپىق ئەمەس

  شىنياڭ گېزىتى: 17-دېكابىردىكى ساندا «گۇاڭشەن: خەلقنى رازى قىلىدىغان مائارىپنى تىرىشىپ بەرپا قىلايلى»نى ئېلان قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن كەچۈرۈم سورايمىز.

  قىسقىغىنە ئۈچ مىنۇت ۋاقىت ئىچىدە، 23 بالا قارانىيەتنىڭ پىچىقى ئاستىدا يەرگە يىقىلدى. بۇ قانلىق پاجىئە خېنەن ئۆلكىسى شىنياڭ شەھرى گۇاڭشەن ناھىيەسى چېنپېڭ كەنتى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ قورۇسىدا يۈز بەردى. بۇ قانلىق دېلونى تۇغدۇرغان قاتىل مىن يوڭجۈن ھازىر قەبىھ ئۇسۇلدا جامائەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش جىنايىتى بىلەن تەپتىش ئورگانلىرى تەرىپىدىن تەستىقلىنىپ قولغا ئېلىندى، يارىلانغان بالىلارمۇ داۋالاپ قۇتقۇزۇش نەتىجىسىدە خەۋپتىن ساق قالدى. دېلو يۈز بېرىپ ئۈچ كۈن ئۆتتى. چۆچۈش ۋە ھەسرەت يەرلىك كادىر-ئاممىنىڭ يۈرىكىنى ھېلىمۇ ئەزمەكتە ئىدى.

  17-دېكابىر، شىنياڭ شەھەرلىك پارتكوم، شەھەرلىك ھۆكۈمەت جىددىي يىغىن چاقىرىپ، پۈتۈن شەھەردىكى ئۈچ مىڭدىن ئارتۇق ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى ئالا قويماي تورسىمان تەكشۈرۈپ چىقىشنى ئورۇنلاشتۇردى ھەمدە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىن ھەرۋاقىت ئارىلاپ تەكشۈرۈپ، ئاستىرتتىن تەكشۈرۈشنى ئاساس قىلىپ، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن تەكشۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈشنى ھەمدە نەق مەيدان سىن ئېلىشنى تەلەپ قىلدى. يەرلىك رەھبەرلەر بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ مەسىلىلەرنى بايقاپ چىقىپ، خەۋپنى بىخ ھالىتىدە تۈگىتىشنى ئۈمىد قىلدى.

  مەنبە خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە