باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بەش بۇرجەكلىك بىنا جاسۇسلۇق تورىنى كېڭەيتمەكچى

2012.12.18 16:35         مەنبە: شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سىنگاپوردا چىقىدىغان «بىرلەشمە ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر گېزىتى»نىڭ تۈنۆگۈن خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئاخبارات توپلاش پائالىيىتىنىڭ دائىرىسىنى كەڭ كۆلەمدە كېڭەيتمەكچى بولۇپ، نۆۋەتتە كۆلىمىنىڭ زورلۇقى جەھەتتە مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى بىلەن تەڭ تۇرالايدىغان جاسۇسلۇق تورى قۇرماقتا ئىكەن. بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ پىلانى دۆلەت مۇداپىئە ئاخبارات ئىدارىسىنى مەخسۇس يېڭىدىن پەيدا بولغان تەھدىتلەرگە دىققەت قىلىدىغان، شۇنداقلا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى ۋە ئارمىيەنىڭ سەرخىل پىدائىي قىسىملىرى بىلەن تېخىمۇ زىچ ھەمكارلىشالايدىغان جاسۇسلۇق ئورگىنى قىلىپ ئىسلاھ قىلىش ئىكەن.

  كېڭەيتىش پىلانى تاماملانغاندىن كېيىن، دۆلەت مۇداپىئە ئاخبارات ئىدارىسى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا 1 مىڭ 600 نەپەر جاسۇس ئورۇنلاشتۇرىدىكەن. مەزكۇر ئىدارىنىڭ جاسۇسلىرى ئۆتكەن بىر قانچە يىلدا ئىزچىل پەقەت 500 ئەتراپىدا بولۇپ كەلگەن، شۇڭا بۇ قېتىملىق پىلان مەزكۇر ئىدارىنىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن جاسۇسلۇق تورى بەرپا قىلىشىغا تۈرتكە بولىدىكەن.بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ دۆلەت مۇداپىئە ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات توپلاش خىزمىتىنى كۈچەيتىشى ھەربىي ئىشلار بىلەن ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ بىر گەۋدىلىشىش يۈزلىنىشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.

  نۆۋەتتە، مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان قىسىمى ئافغانىستاننىڭ سىرتىدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم جەڭ قىلىش ۋەزىپىلىرىگە مەسئۇل بولۇۋاتىدۇ. دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ئاخبارات ئىدارىسى ئىچىدە «دۆلەت مۇداپىئە مەخپىي ھەرىكەت مەھكىمىسى» قۇرۇشتەڭ بۇ يېڭى پىلانى بولسا، ئارمىيە تەرەپنىڭ ئاخبارات ساھەسىگە تۇنجى قېتىم كەڭ كۆلەمدە يۈرۈش قىلىشى ھېسابلىنىدۇ. بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ بۇ پىلانى يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئەنئەنىۋى ھەربىي كۈچكە قارىغاندا، جاسۇسلۇق ۋە مەخپىي ھەرىكەتلەرگە تېخىمۇ مايىل ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.

  بىراق بەزىلەر دۆلەت مۇداپىئە ئاخبارات ئىدارىسى كېڭەيتىلسە، ئارمىيە تەرەپنىڭ نازارەتتىن خالىي ھالدا تېخىمۇ كۆپ ئەجەللىك زەربە بېرىش ھەرىكىتى ۋە باشقا مەخپىي ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىشىغا تۈرتكە بولۇشىدىن ئەندىشە قىلماقتا. دۆلەت مۇداپىئە ئاخبارات ئىدارىسى بىلەن مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى ئوخشىمىغان ئەدلىيەلىك باشقۇرۇش دائىرىسىگە تەۋە بولغاچقا، ئىككى ئورگاننىڭ پارلامېنت تەرىپىدىن نازارەت قىلىنىش دەرىجىسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. بۇ دۆلەت مۇداپىئە ئاخبارات ئىدارىسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش يېتەرلىك بولماسلىقتەك مەسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

  ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۇ يىل 4-ئايدا «دۆلەت مۇداپىئە مەخپىي ھەرىكەت مەھكىمىسى» قۇرۇش پىلانىنى جاكارلىغان، لېكىن ئەينى چاغدا ھېچقانداق تەپسىلاتنى ئاشكارىلىمىغان. دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق پېشقەدەم ئەمەلدارىنىڭ دېيىشىچە، دۆلەت مۇداپىئە ئاخبارات ئىدارىسىدىكى جاسۇسلارنىڭ سانى ھازىرقى 500 ئادەمدىن كۆپىيىپ، 2018-يىلى 800 ئادەمدىن مىڭ ئادەمگىچە بولىدىكەن. دۆلەت مۇداپىئە ئاخبارات ئىدارىسى كېڭەيتىش پىلانىنى قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق مەبلەغقە ئېرىشكەن، لېكىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى چىقىمنى كېمەيتىش بېسىمىغا دۇچ كەلگەنلىكتىن، بۇ ئىدارىنىڭ ئومۇمىي خامچوتى ئەمدى كۆپەيمەي، ئەكسىچە ئازىيىشى مۇمكىنكەن. ئۇ چاغدا مەزكۇر ئىدارە خادىم قىسقارتىش ياكى قايتا تەقسىملەش ئارقىلىق جاسۇسلار سانىنى كۆپەيتىدىكەن.

  مەزكۇر ئىدارىنىڭ جاسۇسلىرى مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى تەرىپىدىن تەربىيەلىنىپ، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى چۈشۈرگەن ۋەزىپىلەرنى قوبۇل قىلىدىكەن ھەم بىرلەشمە ئالاھىدە جەڭ قىلىش قوماندانلىق ئىشتابى بىلەن ھەمكارلىشىپ خىزمەت قىلىدىكەن. بۇ ئىدارىدىكى ئانالىزچى ۋە ئارقا سەپ تەمىنات خادىمى قاتارلىقلار تېخىمۇ زور جاسۇسلۇق تورىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن قايتا تەقسىملىنىدىكەن. ئىلگىرى بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ ئاخبارات تورىنى كېڭەيتىش پىلانى ئىزچىل مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچراپ كەلگەن. نۆۋەتتە، مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ كېڭىيىشىنى قوللىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب، بۇ ئىش ئۇلارغا نىسبەتەنمۇ پايدىلىق بولۇپ قالغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە