باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو باشقىلارنىڭ كەلسە-كەلمەس ئەيىبلىشىگە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ

2012.12.18 16:07        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ تۈنۈگۈن قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا «جۇڭگو ئاز ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ شىزاڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە ئاق-قارىنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىپ، جۇڭگونى كەلسە-كەلمەس ئەيىبلىگەنلىكىگە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، بۇ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقانلىق» دېدى.

  بىر مۇخبىر: يېقىندا ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ دىپلوماتىيە ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىلى ئاشتون، كانادانىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى بىرىدلار شىزاڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىپ، جۇڭگونىڭ شىزاڭغا مۇناسىۋەتلىك سىياسىتىنى تەنقىد قىلدى، جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ» دەپ سورىغاندا، خۇا چۈنيىڭ مۇنداق دېدى: شىزاڭنىڭ ئىشلىرى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى. يېقىندا، ئامېرىكا، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى، كانادادىكى ئاز ساندىكى سىياسىيونلار پاكىتقا قارىماي، شىزاڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە ئاق-قارىنى ئارىلاشتۇرۇپ، جۇڭگونى كەلسە-كەلمەس ئەيىبلىگەنلىكىگە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، بۇ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقانلىق، جۇڭگو بۇنىڭدىن قاتتىق نارازى ۋە بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. جۇڭگو ئالاقىدار تەرەپلەردىن خاتا سۆز-ھەرىكەتلەرنى دەرھال توختىتىپ، جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھەقىقىي ھۆرمەت قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىدىغان ئىشلار بىلەن شۇغۇللانماسلىقنى تەلەپ قىلىدۇ.

  مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە