- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
شىنجاڭنىڭ ھەقسىز ئوزۇقلۇق تامىقى يېزىلاردىكى 900 مىڭ ئوقۇغۇچىغا نەپ يەتكۈزدى
2012.12.19 13:42
مۇخبىرنىڭ يېقىندا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئۇقۇشىچە، شىنجاڭنىڭ ئوزۇقلۇقنى ياخشىلاش پىلانىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، يېزىلاردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇزۇقلۇق ئەھۋالى زور دەرىجىدە ياخشىلىنىپ، 910 مىڭ يېزا ئوقۇغۇچىسى نەپكە ئېرىشكەن.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل فېۋرالدىن باشلاپ، شىنجاڭ يولغا قويغان خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇش تۈرىگە يېزىلاردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇزۇقلۇق پىلانى كىرگۈزۈلگەن، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت بىر ئوبلاست مەركەزلىك ئوقۇتۇشنى يولغا قويغاندىن كېيىن دۆلەتنىڭ سىناق دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمىگەن ھەمدە ئاپتونوم رايون بويىچە تۇنجى تۈركۈمدە بېكىتىلگەن يەتتە سىناق نۇقتىسى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىچىدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپىدىكى 77 مىڭ 700 ئوقۇغۇچىغا ئوزۇقلۇق تولۇقلىمىسى بېرىلگەندىن كېيىن، ئەڭ نامرات رايونلاردىكى يېزا ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مەكتەپتە تاماق يېيىش مەسىلىسى ھەل قىلىنغان. بۇنىڭ بىلەن مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئوزۇقلۇقنى ياخشىلاش پىلانى سىناق خىزمىتى 31 سىناق ناھىيەسىدىكى 910 مىڭ يېزا ئوقۇغۇچىسىغا نەپ يەتكۈزگەن، بۇ ئاپتونوم رايوننىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپ باسقۇچىدىكى يېزا ئوقۇغۇچىلىرى ئومۇمىي سانىنىڭ %53.32 نى ئىگىلەيدىكەن.
مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە