باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپا يىغىنى ئاچتى

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

2019.02.28 19:13         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇر خەۋەر قىلىدۇ: 2-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پارتگۇرۇپپا يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا 2-ئاينىڭ 24-كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرلىرى مۇزاكىرە قىلىندى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما-تەلەپلىرىگە ئاساسەن، ھەقىقىي ھالدا ۋەزىپە، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، دادىل نەتىجە يارىتىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك. مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، پۇرسەتتىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئۇل ئەسلىھەلەردىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنى زورايتىپ، كۈچەيتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى سىجىل كاپالەتلەندۈرۈش، ياخشىلاش جەھەتلەردە دەل جايىدا كۈچەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، ئالغا سىلجىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق تۇتۇپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما-تەلەپلىرىگە ئاساسەن، ئەڭ كەسكىن، ئەڭ ئەستايىدىل پوزىتسىيە بىلەن تۈزىتىشكە مۇئامىلە قىلىپ، ئەڭ قەتئىي، ئەڭ كۈچلۈك تەدبىرلەر بىلەن تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سىياسەت-پەرمانلىرىنىڭ راۋانلىقىغا، بۇيرۇق، تەلەپنى جەزمەن ئىجرا قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. قەتئىي ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەخسۇس كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىش خىزمىتى تەلىپىگە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، سىياسىي مەسئۇلىيەت ۋە سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك. «پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنى تەكشۈرۈپ باھالاش خىزمىتى نىزامى»نى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قاتتىق باشقۇرۇش بىلەن كۆيۈنۈشنى بىرلەشتۈرۈشتە، رىغبەتلەندۈرۈش بىلەن چەكلەشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، ئەمەلىي ئىشلەش، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلار ئارىسىدا مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى تەكىتلەيدىغان، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىدىغان، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىدىغان، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىدىغان ئېنىق يۆنىلىش تۇرغۇزۇپ، سۆرەلمىلىك قىلىدىغان، قىلىدىغاننى قىلمايدىغان، قالايمىقان ئىش قىلىدىغان كادىرلارنى جازالاپ ئاگاھلاندۇرۇپ، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇشنى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتتە ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئادەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەقىقىي ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۇل مۇئامىلە خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى ئۇللۇق، ئاچقۇچلۇق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يەرلىكنىڭ پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە تەشكىلىي سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش، پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، پۇل مۇئامىلە ساھەسىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە ئۈنۈملۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك. تۆۋەن چەك تەپەككۇرى ۋە مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشنى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، پۇل مۇئامىلە بىخەتەرلىك مۇداپىئە سېپى ۋە خەۋپ-خەتەرنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قىزىل چەك، تۆۋەن چەكنى قەتئىي ساقلاپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، مۇقىم ئايلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر