باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز ئۇچۇر تېخنىكىسى بىلەن ياسىمىچىلىقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات قەدىمىنى تېزلەتتى

2019.02.28 18:59         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما يىنىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 2- ئاينىڭ 20- كۈنى، مۇخبىر شىنتې ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتى رەقەملەشكەن ئىشلەپچىقىرىش سېخىنىڭ تەييار مەھسۇلات سېخىغا كىرىپ، ئاپتوماتلاشقان ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە نەچچە يۈز ئۈسكۈنىنىڭ تەكشى مەشغۇلات قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى، ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ مەشغۇلات ئەھۋالىنى ئەمەلىي ۋاقىت بويىچە كۆزىتىش- تىزگىنلەش، كاشىلىنى مەلۇم قىلىش ۋە دىياگنوز قويۇپ ئانالىز قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا سۈپەتنى مەركەزلىك تىزگىنلەش بىردەك رەقەملەشكەن ئۈسكۈنىدە بىر تەرەپ قىلىنىۋاتاتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنتې ئېنېرگىيەسى ئەنئەنىۋى سېخلارنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش ئارقىلىق كارخانىنىڭ تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى.

  «بۇ نەچچە يىلدا، شىركەت ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياساشقا يۈرۈش قىلىشنى تېزلىتىپ، دۆلەت ئىچىدىكى تۇنجى ساپلىقى يۇقىرى كىرىستاللىق سىلىتسىي ماتېرىيال ئەقلىي ئىقتىدارلىق زاۋۇتى قۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمدارلىقىنى %28 ئۆستۈرۈپ، تىجارەت تەننەرخىنى %25 تۆۋەنلىتىپ، مەھسۇلات تەتقىق قىلىپ ياساش مۇددىتىنى %30 قىسقارتىپ، ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش نىسبىتىنى %15 ئۆستۈردى» دېدى شىنتې ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى لى شىلياڭ تونۇشتۇرۇپ.

  بۇلتۇر، شىنتې ئېنېرگىيەسىنىڭ «سانائەت ئالاقە تورى سۇپىسىنى ئاساس قىلغان ساپلىقى يۇقىرى سىلىتسىي ئاساسىدىكى يېڭى ماتېرىيال كارخانىسىنىڭ ئىچكى تورىنى ئۆزگەرتىش، توپلاشتۇرۇپ ئەمەلىي قوللىنىش تۈرى» سانائەت- ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ سانائەت ئالاقە تورىدا يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات تۈرىگە تاللىنىپ كىردى، بۇ، غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكە، ئاپتونوم رايوندا بار بولغان ئىككى تۈرنىڭ بىرى.

  شىنتې ئېنېرگىيەسى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كارخانىلارنىڭ سانائەت ئالاقە تورى تەرەققىياتىنىڭ بىر ئىخچام كارتىنىسى. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە: بۇلتۇر، ئاپتونوم رايونىمىزدا رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ كۆلىمى 280 مىليارد يۈەندىن كۆپرەككە يېتىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10 ئاشقان. ياسىمىچىلىق بىلەن ئالاقە تورىنىڭ يۇغۇرۇلۇشى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش سىناق نۇقتىسى كارخانىسىدىن 12 سى، سىستېما توپلاشتۇرۇش ۋە يۇمشاق ماتېرىيال كارخانىسىدىن 150ى يېڭىدىن كۆپەيگەن، 6300دىن ئارتۇق شىنجاڭ كارخانىسى بۇلۇتقا چىققان.

  مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇلتۇردىن بۇيان، ئاپتونوم رايون ياسىمىچىلىق بىلەن ئالاقە تورىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، سانائەت ئالاقە تورى كەسىپلەر ئىتتىپاقىنى پىلانلاپ قۇرۇپ، كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولغان؛ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياساش، خاسلاشقان زاكازلىق ياساش، مۇلازىمەت تىپىدىكى ياساش، تورلاشقان ماسلىشىش قاتارلىق ياسىمىچىلىقنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى يېتىشتۈرۈشنى تېزلەتكەن.

  بۇ يىل، ئاپتونوم رايون رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ تېز يېتىلىشىنى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىپ، يىل ئاخىرىغا بارغاندا رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ قوشۇلما قىممىتىنىڭ پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلەيدىغان سېلىشتۇرما نىسبىتىنى %26تىن كۆپرەككە يەتكۈزۈشكە تىرىشىدۇ. سانائەت ئالاقە تورى سۇپىسى قۇرۇش ۋە كىرگۈزۈشكە تۈرتكە بولۇپ، سانائەت ئالاقە تورى سۇپىسىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ساھە باشلامچى كارخانىلىرى ۋە كەسىپلەر توپلاشقان رايوندا ئەمەلىي قوللىنىلىشىنى كېڭەيتىشنى تېزلىتىپ، دۆلەت سانائەت ئالاقە تورى يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىش مەخسۇس تۈرى ۋە نۇقتىدا سىناق قىلىپ ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرىنى تىرەك قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىز كارخانىلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ شارائىتىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان، ئوخشاش بولمىغان قاتلامدىكى سانائەت ئالاقە تورى سۇپىسىنى قۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تىرىشىپ دۆلەت ئىچىدە ئىلغار سەۋىيەگە يەتكەن سانائەت ئالاقە تورى سۇپىسىدىن بىر- ئىككىنى يېتىلدۈرىدۇ، شەكىللەندۈرىدۇ.

  تىرانسفورموتور، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ماشىنىلىرى، يېڭى ئېنېرگىيە جابدۇقلىرى، ئاپتوموبىل قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردە، ئاپتونوم رايونىمىز ئەقلىي ئىقتىدارلىق زاۋۇت، رەقەملەشكەن سېخ قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئادەم بىلەن ماشىنا ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ ئۆزئارا ھەمتۈرتكە بولۇشى، سانائەت ماشىنا ئادىمى قاتارلىق تېخنىكا ۋە جابدۇقلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا ئەمەلىي قوللىنىلىشىنى تېزلىتىدۇ. ئاپتونوم رايوننىڭ «شىنجاڭ كارخانىلىرىنى بۇلۇتقا چىقىرىش» ھەرىكەت پىلانى 2020- 2018يىل)دىكى ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، بۇلۇتقا چىقىشنى تاماملىغان 6300 كارخانا ئاساسىدا، كارخانىلارنىڭ «بۇلۇتقا چىقىش، سۇپىغا چىقىش»ىغا سىجىل تۈرتكە بولۇپ ۋە مەدەت بېرىپ، بۇلۇت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان كارخانىلارنى بۇلۇت مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەپ، ئاپتونوم رايوندا بۇلۇت ئەمەلىي قوللىنىشتىكى بايراقدار كارخانىدىن 20نى قۇرۇپ، تۈمەن كارخانىنىڭ بۇلۇتقا چىقىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر