باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

‏[بىز ھەممىمىز ئارزۇغا ئىنتىلگۈچىلەر] ئۈچ يىلدا، ئۇ تۆت مۈچە پالەچ ھالەتتىن قايتىدىن ۋىراچلىق خىزمەت ‏ئورنىغا قايتتى

2019.01.31 09:45         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىز كاڭ خاۋيەن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ۋۇ ۋېي خەۋىرى: 1-ئاينىڭ 22-كۈنى، جېڭ كۇي ئۆتكەن ئۈچ يىلدىكى ھەر بىر كۈنگە ئوخشاش ئەتىگەن سائەت 9دا شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىنىڭ سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بۆلۈمىدە شۇ كۈنلۈك «ھەرىكەت قىلىپ سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش» داۋالىنىشىنى باشلىدى.

  بۇ ئىككى ئايدا ئىلگىرىكى ۋاقىتلارغا ئوخشىمايدىغان ئىش شۇكى، داۋالىنىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۇ يەنە ئاق خالىتىنى كىيىپ، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بۆلۈمى يېڭىدىن قانات يايدۇرۇۋاتقان تۈر ــ داس بوشلۇقى تۈۋىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش داۋالىشى ۋە مۇزىكا ئارقىلىق داۋالاشنىڭ تەييارلىقىنى قىلدى.

  31 ياشلىق جېڭ كۇي بىمار ھەم ۋىراچلىق سالاھىيىتى بىلەن قايتا خىزمەت ئورنىغا چىقتى، بىر قېتىملىق كۈتۈلمىگەن ھادىسىدە ئۇنىڭ يۇلۇنى زەخمىگە ئۇچراپ، تۆت مۈچە پالەچ بولۇپ قالغانىدى، ئۈچ يىل ئۆتكەندىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە ئۇ قايتا ئورنىدىن تۇردى، ھەتتا دوختۇرلارمۇ بۇنى «مۆجىزە» دېيىشتى.

  جېڭ كۇي دەسلەپكى ئۆزى ئۆرۈلەلمەيدىغان ھالەتتىن بىر ھەپتىدىن كېيىن بىر نەچچە مىنۇت ئولتۇرالايدىغان، توققۇز ئايدىن كېيىن ئۆزى ئۆرە تۇرالايدىغان، 20 ئايدىن كېيىن ئۆزى ئۈچ قەدەم ماڭالايدىغان...... ھالەتكە كەلدى. داۋالىغۇچىسى «توختاڭ» دېمىگۈچە ھەرگىز ھاردىم دېمىدى، ئەكسىچە دائىم تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەشىق سىجىللىقىنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى.

  شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىنىڭ ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مېدىتسىناسى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇل تېخنىك خادىمى تيەن چوڭ: «بۇنداق ‹جېنى چىڭ›، تىرىشچان بىمارنى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن. جېڭ كۇي پالەچلىكنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى، ئەڭ قىيىن كۈنلەرنى قەتئىي ئىرادىسى بىلەن يېڭىپ، سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈردى، شۇڭا بۆلۈمدە بىمارلار ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى تەشكىللەپ، ئۆزىنىڭ سەرگۈزەشتىلىرى ئارقىلىق باشقا بىمارلارغا ئىشەنچ تۇرغۇزدى» دېدى.

  «ھازىر سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشىقىدىن باشقا، مەن تېخىمۇ كۆپ ۋاقىتنى سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش داۋالىشىغا ئالاقىدار نەزەرىيە ۋە مۇزىكا ئارقىلىق داۋالاشنىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋاللىرىنى تەتقىق قىلىشقا سەرپ قىلىمەن. پۇرسەت تەييارلىقنى پۇختا قىلغانلارغا مەنسۇپ، مەن خىزمەت ئورنىغا قايتا چىقىدىغان پۇرسەتكە ئېرىشتىم، ھەسسىلەپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىم كېرەك»، دېدى جېڭ كۇي.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر