باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

19ـنۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 2-نۆۋەتلىك كۆزىتىشىدە، 26 جاي ۋە ئورۇن پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئىشلىرى مەخسۇس كۆزىتىلدى

2019.01.31 15:45         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، 2018-يىلى 10-ئايدىن 11-ئايغىچە، 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 2-نۆۋەتلىك كۆزىتىشىدە، 26 جاي ۋە ئورۇن پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئىشلىرى مەخسۇس كۆزىتىلدى. بۇ قېتىمقى كۈزىتىشنىڭ قايتما ئىنكاس ئەھۋالى تۈنۈگۈن ئېلان قىلىندى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەتلىك رېۋىزىيە كومىتېتى ۋە مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى كۆزىتىشتىكى قايتما ئىنكاسقا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى، بۇ كۆزىتىشنى كۈچەيتىش، دائىملىق نازارتنى تەرتىپكە سېلىشتىكى زور يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرى.

  كۆزىتىش جەريانىدا بايقالغان ئاساسلىق مەسىلىلەر تۆۋەندىكىچە: بەزى پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ «دەل جايىدا بولۇش» تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى يېتەرلىك بولمىغان، بەزى سىياسەتنى ئىجرا قىلىشتا پەرق مەۋجۇت بولغان. بەزى ئورۇنلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا تۈزگەن يانداش سىياسەت-تەدبىرلىرى دەل جايىدا بولمىغان، بەزى سىياسەت، تەدبىرلەرنىڭ قاراتمىلىقى دېگەندەك كۈچلۈك بولمىغان. بەزى جايلار ۋە تارماقلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى يېتەرلىك بولمىغان، نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى باشقۇرۇشى جايىدا بولمىغان، ئىشلىتىشى دەل جايىدا بولمىغان؛ بەزى نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق مەسىلىلىرىنى تۈزۈشى جايىدا بولمىغان. بەزى جايلار ۋە تارماقلارنىڭ دائىملىق نازارىتى جايىدا بولمىغان، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزەشتە ئاجىز ھالقىلار مەۋجۇت بولغان؛ بەزىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشتە بايقالغان تۈرلۈك مەسىلىلەرنى تۈزىتىشى يېتەرلىك، ئەمەلىي بولمىغان.

  كۆزىتىش قايتما ئىنكاس يىغىنىدا مۇنۇلار تەكىتلەندى: تۈزەشنى ئەمەلىيلەشتۈرمەسلىك- خەلققە مەسئۇل بولمىغانلىق. كۆزىتىشتە بايقالغان مەسىلىلەرنى مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، شەكىلۋازلىق ۋە بيۇروكراتلىق مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزەش كېرەك. تۈزەشكە كۈچىمىگەنلەر، ئەپلەپ-سەپلەپ ئىش قىلغانلار، ساختا تۈزىگەنلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر