باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تارقىتىش ۋاسىتىسىدە يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ يېڭى ئاممىۋى پىكىر مەيدانىنى ئىگىلەيمىز

  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەشۋىقات، مەدەنىيەت سېپىدىكى خىزمەتچىلەر باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى قىزغىن مۇنازىرە قىلدى

2019.01.31 19:01         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرۇلۇشى ــــ دەۋرنىڭ يۆنىلىشى، ۋەزىيەتنىڭ يۈزلىنىشى. 1- ئاينىڭ 25- كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 12- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىگە رىياسەتچىلىك قىلغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىدە، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ يىراق كەلگۈسى تەرەققىياتى كۆزلىنىپ، پۈتۈن تاراتقۇ دەۋرىدىكى خىرىس ۋە پۇرسەت چوڭقۇر تەھلىل قىلىنىپ، تاراتقۇلار يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ يۈزلىنىشى ۋە قانۇنىيىتى ئىلمىي ئىگىلىنىپ، تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاپ راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش تەلىپى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  نەچچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەشۋىقات، مەدەنىيەت سېپىدىكى خىزمەتچىلەر ۋە ئالىي مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى. كۆپچىلىك بەس - بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەنئەنىۋى تاراتقۇلار ۋە يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، بۇ، يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيەنىڭ ئاخبارات ئاممىۋى پىكىر خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز چوقۇم ئاخبارات ئاممىۋى پىكرىنىڭ تارقىتىش كۈچى، يېتەكلەش كۈچى، تەسىر كۈچى، ئاممىۋى ئىشەنچ كۈچىنى ئۆستۈرۈپ، ئاكتىپ كۈچنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئاساسىي مېلودىيەنى تېخىمۇ ياڭرىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈشنى قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ ۋە ئاممىۋى پىكىر مەدىتى بىلەن تەمىنلەيمىز.

  ئاساسىي بازىنى ياخشى قوغداپ، ئاساسىي مېلودىيەنى ياڭرىتىمىز

  «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى بىز ئاخبارات خىزمەتچىلىرىنى بەكمۇ ئىلھاملاندۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەسئۇلىيىتىمىزنىڭ مۇھىم، زورلۇقىنى ھېس قىلدۇق.» 1- ئاينىڭ 27- كۈنى، قەشقەر ۋىلايەتلىك رادىيو- تېلېۋىزىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، قەشقەر تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئىستانسا باشلىقى، باش مۇھەررىر جاڭ لى مۇنداق بىلدۈردى: قەشقەر ۋىلايەتلىك رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىدارىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىستانسا بىلەن تورنى يۇغۇرۇش»نىڭ ئەڭ ياخشى يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، يۇغۇرما تاراتقۇ ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ «پىلانلاش، مۇخبىرلىق قىلىش، تەھرىرلەش، تەكشۈرۈپ ئوقۇش، تارقىتىش، باھالاش» قاتارلىق ھالقىلىرىدىكى مېخانىزم ۋە تەرتىپنى قايتا تۈزۈپ، مەزمۇننى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئاخبارات + مەمۇرىي ئىشلار» «ئاخبارات + مۇلازىمەت» قاتارلىق ئەندىزىلەردە يېڭىلىق يارىتىپ، ئاساسىي قاتلامغا ئۈزلۈكسىز كېڭىيىش، بىنالارغا يەتكۈزۈش، ئاممىغا يېقىنلىشىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىدۇ.

  سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، «بىر گېزىت، بىر ئىستانسا، بىر تور، بىر مىكرو تاراتقۇ، بىر تېرمىنال»دىن ئىبارەت پارتىيە تاراتقۇلىرى ئىستېرېئولۇق تەشۋىقات ۋەزىيىتىنى بەرپا قىلىۋاتىدۇ. سانجى ئوبلاستلىق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى لى يۇڭگې مۇنداق دېدى: مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى مەخسۇس پۈتۈن تاراتقۇ دەۋرى ۋە تاراتقۇلار يۇغۇرما تەرەققىياتى توغرىسىدا كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى، بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي ئېقىم ئاممىۋى پىكىرىنى زورايتىش، كۈچەيتىشنى ئىستراتېگىيە ۋە ئومۇملۇق يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرگەنلىكىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بەردى. كېيىنكى قەدەمدە، سانجى ئوبلاستى تۈرلۈك خەۋەرچىلىك بايلىقىدىن تولۇق ھەمبەھرىلىنىش، تۈرلۈك تاراتقۇلار ئۆزئارا ئالاقىلىشىش، ئۆزئارا راۋانلىشىش، تۈرلۈك مۇلازىمەتلەر ئۆزئارا تىرەك بولۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ساداسىنى تېخىمۇ ئوچۇق تارقىتىدۇ، تېخىمۇ كەڭ تارقىتىدۇ، تېخىمۇ چوڭقۇر تارقىتىدۇ.

  «ئوقۇغۇچىلاردا پارتىيەنىڭ ئاخبارات ئاممىۋى پىكىر خىزمىتىگە بولغان تونۇش ۋە چۈشىنىشنى يېتىلدۈرۈش يېڭى دەۋردىكى ئالىي مەكتەپ ئاخبارات تەربىيەسىنىڭ مەسئۇلىيىتى.» شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد داشۆسى ئاخبارات ۋە تاراتقۇ شۆيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شياۋ يەنليەن مۇنداق بىلدۈردى: ئالىي مەكتەپ ئاخبارات تەربىيەسى خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، باشتىن - ئاخىر توغرا ئاممىۋى پىكىر يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پارتىيەۋىلىك ئېڭىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ مۇھىم سىياسەت، فاڭجېنلىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تارقىتىمىز.

  ئامما ئارىسىدىن كېلىپ ئامما ئارىسىغا بارىمىز

  پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى «ئادەتتىكى پۇقرالار ئائىلىلىرىگە تېز كىرگۈزۈش» ئىزچىل قىزىلسۇ گېزىتخانىسى ئەمەل قىلىپ كەلگەن گېزىت چىقىرىش ئىدىيەسى. قىزىلسۇ گېزىتخانىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، گېزىتخانا باشلىقى ۋاڭ دۇڭشيەن مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى بىز ئاخبارات خىزمەتچىلىرىنى ھەسسىلەپ روھلاندۇردى، قىزىلسۇ گېزىتخانىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات قەدىمىنى تېزلىتىپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ «قىزىلسۇ بۇلۇتى» سۇپىسىنى يارىتىپ، «مەركىزىي ئاشخانا»نىڭ بىر ماقالىنى كۆپ قېتىم ئىشلىتىش، بىر ماقالىنى كۆپ قېتىم تارقىتىشىدىن پايدىلىنىپ، قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ ناھىيە، يېزا، ھەرقايسى ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرىدا سىن، ئۈن - سىن سانلىق مەلۇماتىنى قوش يۆنىلىشلىك، كۆپ يۆنىلىشلىك، ھەمتۈرتكىلىك يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، گېزىت، رادىيو، تېلېۋىزىيە، تور بېكىتى قاتارلىق تاراتقۇ سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ ئۆزئارا ئالاقىسى، ئۆزئارا راۋانلىقىنى ئۆستۈرۈپ، تەشۋىقات ئۈنۈمىنى ئەڭ زور دەرىجىدە زورايتىش ۋە ئەلالاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى مەدەنىيەت ۋە ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  2018- يىلى، «ئالتاي گېزىتى» قوش رەڭلىك بېسىشنى ئىشقا ئاشۇردى، ئۈندىدار، مىكرو بىلوگ، يان تېلېفون گېزىتىگە دىققەت قىلىدىغان ئابۇنىچىلار 100 مىڭ كىشىدىن ئاشتى. ئالتاي گېزىتخانىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، باش مۇھەررىر يۈەن بىڭ مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى تەلەپ ئالدىدا، بىز بۇرچ تۇيغۇمىزنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ خاسلىقىغا بىرلەشتۈرۈپ، تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، پارتىيە گېزىتىنىڭ تەسىر كۈچى ۋە ئاممىنىڭ ئېتىراپ قىلىش دەرىجىسىنى زور كۈچ بىلەن يۇقىرى كۆتۈرىمىز.

  تۇرپان شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى چيەن خاۋلياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرۇلۇش قەدىمىنى تېزلىتىپ، ئاساسىي قاتلامغا كېڭەيتىش، ئاممىغا يېقىنلىشىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلغاندا ھەم تاراتقۇ ئانتېنناسىنى ئەڭ ئاساسىي قاتلامغا ئۇزارتىپ، ئەڭ كەڭ ئامما ئارىسىغا چوڭقۇرلاشتۇرغاندىلا، ئاندىن مول مەزمۇنلۇق، ئامما ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان، ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان پۈتۈن تاراتقۇ ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلغىلى بولىدۇ، ئاندىن ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلغىلى بولىدۇ. 2019- يىلى، تۇرپان شەھىرى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى، باغچە شەھەر قۇرۇلۇشى، «تارىخنى چۈشىنىش، يۇرتنى ساياھەت قىلىش، ۋەتەننى سۆيۈش» باش تېما تەربىيەسى پائالىيىتى قاتارلىقلارنى نۇقتىلىق چۆرىدەپ، كەڭ ئاخبارات خىزمەتچىلىرىنى ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈشكە، ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىشقا تەشكىللەپ، تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى پۈتۈن تاراتقۇ ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىدۇ.

  يېڭى پۇرسەتنى تۇتۇپ، يېڭى خىرىسقا تاقابىل تۇرىمىز

  خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى گۇ يىڭسۇ مۇنداق دېدى: خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكوم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋەزىيەتكە قاراپ پىلان تۈزۈپ، ۋەزىيەتكە قاراپ ھەرىكەتكە كېلىپ، ۋەزىيەتكە بېقىپ ئىش كۆرۈپ، ئاپتونوم رايون بېكىتكەن تۆت ناھىيە دەرىجىلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنى سىناق نۇقتا قىلىپ قۇرۇش ئاساسىدا، پۈتۈن ۋىلايەتتىكى سەككىز ناھىيە، شەھەرنىڭ يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك باشلاشنى ئالغا سىلجىتىدۇ. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئاساسىي ئېقىم ئاممىۋى پىكىرىنىڭ تارقىتىش كۈچى، يېتەكلەش كۈچى، تەسىر كۈچى، ئاممىۋى ئىشەنچ كۈچىنى كۈچەيتىپ، خوتەننىڭ ياخشى ھېكايىلىرىنى ياخشى سۆزلەپ، خوتەننىڭ ياخشى ساداسىنى ياخشى تارقىتىپ، توردا، تور سىرتىدا مەركەزداش چەمبەر شەكىللەندۈرىدۇ.

  «بورتالا گېزىتخانىسى بارلىق خادىملارنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشكە تەشكىللىمەكتە. ئۆگىنىپ ئۆزلەشتۈرۈش جەريانىدا، بىز كەلگۈسىدە تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش نىشانىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇردۇق.» بورتالا گېزىتخانىسى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، باش مۇھەررىر جاڭ پىڭ مۇنداق دېدى: «گېزىتخانىمىزدىكى بارلىق مۇخبىر، تەھرىر خادىملار بىرىكمە تىپتىكى ئاخبارات خىزمەتچىلىرىگە قاراپ تىپ ئۆزگەرتىپ، يېڭى تاراتقۇ دەۋرىنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىۋاتىدۇ».

  قومۇل گېزىتخانىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، گېزىتخانا باشلىقى پاڭ بو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىز باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىش بويىچە، ئالاقە تورى تەرەققىياتىنىڭ ۋەزىيىتىگە ماسلىشىپ، تاراتقۇ بايلىقىنىڭ بىرىكىشىنى تېزلىتىپ، تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ۋىلايەت، شەھەر دەرىجىلىك پارتىيە گېزىتلىرىنى ئۆگىنىدىغان، تەشۋىق قىلىدىغان چوڭ مۇنبەر، ئۇچۇر تارقىتىدىغان چوڭ سۇپا، ئوبرازنى نامايان قىلىدىغان چوڭ سەھنە قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش قىزغىنلىقى، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇش غەيرىتى بىلەن، يېڭى تاراتقۇ تەپەككۇرىغا ئىگە يېڭىلىق يارىتىشچان ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى پائال يېتىشتۈرۈپ، يېپيېڭى ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇسىنى بەرپا قىلىمىز.

  شىنجاڭ داشۆسى ئاخبارات ۋە تارقىتىش شۆيۈەنىنىڭ شۆيۈەن باشلىقى، دوكتور يېتەكچىسى جاڭ يۈن مۇنداق دېدى: ئالىي مەكتەپ ئاخبارات تەربىيەسى خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز چوقۇم مىللەتنى گۈللەندۈرۈش چوڭ ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالىدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، يېڭى تېخنىكا ئىگىلىيەلەيدىغان، ئاممىۋى پىكىر مەيدانىنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقى ۋە يېتەكچىلىك ھوقۇقىنى ئىگىلىيەلەيدىغان ئاخبارات قوشۇنى يېتىشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، تىرىشىپ ئالىي مائارىپنىڭ ماھىيەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.

  (مۇخبىرلىرىمىز جاڭ جىلى، خەن چىنيەن، گەي يوۋجۈن، لى داۋجۇڭ، جاڭ تىڭ، ۋاڭ لېي، پەرىزات، چېڭ يۆيۆ، خې لىڭ، جاڭ رۈيلىن يازغان)


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر