باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنىڭ سۈپەت يۆنىلىشىنى تۇرغۇزۇش كېرەك

2019.01.31 19:00         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ما بياۋ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىنى باشلاپ شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

  مۇخبىرىمىز لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 1- ئاينىڭ 23- كۈنىدىن 27- كۈنىگىچە، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ما بياۋ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىنى باشلاپ شىنجاڭغا كېلىپ، يەرلىكنىڭ سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇردى. 1- ئاينىڭ 27- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىدىكىلەر ئۈرۈمچىدە سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن سۆھبەتكە قاتناشتى.

  تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى شىنجاڭدىكى مەزگىلدە، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ تارباغاتاي ۋىلايىتى، تۇرپان شەھىرى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، سىياسىي كېڭەش تارباغاتاي ۋىلايەتلىك خىزمەت كومىتېتى، دۆربىلجىن ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەش، تۇرپان شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش، پىچان ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەش قاتارلىق ئاساسىي قاتلام سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، سىياسىي كېڭەش كادىرلىرى، ئاساسىي قاتلامدىكى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ، پىكىر - تەكلىپلەرنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى.

  ما بياۋ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مەركىزىي خىزمەتلىرىنى چۆرىدەپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، ۋەزىپە، مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل تولۇق ئادا قىلىپ، مۇقىملىقنى قوغداش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، ئاساسىي قاتلام ئاساسىنى پۇختىلاش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆپلىگەن ماھىيەتلىك خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەرلىك سىياسىي كېڭەشلەرنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش جەھەتتە نۇرغۇن ياخشى تەجرىبە، ياخشى ئۇسۇلنى شەكىللەندۈردى، بۇ، ئۆگىنىشكە، ئۆرنەك قىلىشقا ئەرزىيدۇ.

  ما بياۋ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىشى كېرەك. يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ يېڭى ئورنى، يېڭى بۇرچىنى كۆزلەپ، يەرلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم رولىنى تولۇق تونۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنىڭ سۈپەت يۆنىلىشىنى تۇرغۇزۇپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش خىزمىتىنىڭ پۈتۈن جەريانى ۋە ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈشى كېرەك. يېڭى دەۋردىكى يەرلىك سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە قانۇنىيىتى ئۈستىدە ئىزدىنىپ ۋە ئۇنى ئىگىلەپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ كېڭىشىش دېموكراتىيەسىدە خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكى ۋە رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. نەزەرىيە تەتقىقاتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش، تەرتىپلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش جەھەتتە داۋاملىق كۈچەپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تۈزۈمىنىڭ تېخىمۇ پىشىپ يېتىلىشى، تېخىمۇ تۇراقلىشىشىغا تۈرتكە بولۇشقا تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  نۇرلان ئەبىلمەجىن ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ خىزمەت ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ كۆڭۈل قويۇپ يېتەكلىشى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، نەزەرىيە ئۆگىنىشنى تۇتۇپ، قوش يۆنىلىشلىك كۈچەشنى تۇتۇپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى تۇتۇپ، تەكلىپ سۈپىتىنى تۇتۇپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنى تۇتۇپ، ئالاقىلىشىپ يېتەكلەشنى تۇتۇپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا تۈرتكە بولدى. بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە، پارتىيەنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈشتىكى ۋەزىپە، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكلەش، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەشنى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش خىزمىتىنىڭ مەركىزىي ھالقىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش سۈپەت يۆنىلىشىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، نەزەرىيە تەتقىقاتى ۋە ئەمەلىيەتتە ئىزدىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، باش نىشانغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن تۆھپە، كۈچ قوشۇشى كېرەك.

  يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلىرى، قىسمەن ئاساسىي قاتلام سىياسىي كېڭەش ۋە ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلارنىڭ شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى خىزمىتىدىن دوكلات بېرىپ سۆز قىلدى ھەم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى بىلەن ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇردى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرىدىن چېن خۇيفېڭ، نيۇ لىۋېن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى چېڭ جېنشەن ئايرىم - ئايرىم ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر