باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق كۆكەرتىش كومىتېتى ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى

2018.12.12 09:31         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 12-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق كۆكەرتىش كومىتېتى ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ، شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۈچ شىمال قۇرۇلۇشىنىڭ 40 يىللىقى بويىچە خۇلاسىلەش-تەقدىرلەش يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئاپتونوم رايونلۇق كۆكەرتىش كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئەھۋالى دوكلاتىنى ئاڭلىدى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىش خىزمىتىنى مۇزاكىرە قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: جايلار، تارماقلار شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، «سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە ئورمانچىلىق ئىسلاھاتى، تەرەققىياتى توغرىسىدىكى مۇھىم، زور تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى ئارقىلىق بىرتۇتاش يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئورمانچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، «ئورماننى كىم بىنا قىلسا، شۇ باشقۇرۇش، شۇ نەپ ئېلىش» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەدىكىلەرنىڭ ئورمان بىنا قىلىش ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاپ، ئورمان بىنا قىلىشنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. زور قۇرۇلۇشلارنى ياخشى تۇتۇپ، ئۈچ شىمال 5-قارارلىق ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشى، مىليون مولۇق دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىش نۇقتىلىق قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ئېتىز-ئېرىق ئىھاتە ئورمىنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ياخشىلاشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى يولغا قويۇش كېرەك. ئاپتونوم رايوندىكى 14 تارماقنىڭ «13-بەش يىل»لىق دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەھەر- يېزىلارنى كۆكەرتىش خىزمىتىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىش كېرەك. كۆكەرتىش نەتىجىلىرىنى قوغداش، ئورمان، ئوتلاقلاردىكى ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، داڭلىق قەدىمىي دەرەخلەرنى قوغداش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تۈردە دۆلەت زېمىنى ئېكولوگىيەسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: تەشۋىقات ئارقىلىق يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ يېشىللىق بەرپا قىلىش، يېشىللىقنى قوغداش ئاكتىپ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، پۈتۈن جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنى دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىش ئىشلىرىغا قاتنىشىشقا يېتەكلەش كېرەك. ئەزا ئورۇنلار مەجبۇرىيىتىنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىپ، مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، تۈزۈلمىدە يېڭىلىق يارىتىش، مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە خىزمەتتە يېڭىلىق يارىتىشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىش ۋەزىپىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق كۆكەرتىش كومىتېتىغا ئەزا ئورۇنلارنى تەڭشەش لايىھەسى قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر