باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى دېھقانلارنى باي بولۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا يېتەكلىدى

2017.09.05 15:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇتەللىپ ئابدۇراھمان خەۋىرى) نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى باشلانغاندىن بۇيان، ئونسۇ ناھىيەسى مەۋقەنى رايون ئالاھىدىلىكىگە ئىگە يېزا ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قارىتىپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ كەسىپكە تۈرتكە بولۇشتا يېڭىلىق يارىتىپ، يېزا ئىگىلىك كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ تۈرلەرنى يولغا قويۇشىنى زور كۈچ بىلەن قوللىدى. بۇنىڭ تۈرتكىسىدە بۇ ناھىيەنىڭ بوزدۆڭ قىرغىز مىللىي يېزىسىغا ماكانلاشقان «مۇزتاغ» ئەلا سۈپەتلىك مېۋە، كۆكتاتچىلىق يېزا ئىگىلىك كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى بۇ پايدىلىق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ تىجارەت كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، بارا-بارا شۇ جايدىكى چارۋىچىلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىدىكى باشلامچى «سەركە» گە ئايلاندى.

  8- ئاينىڭ 17-كۈنى، ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ بوزدۆڭ قىرغىز مىللىي يېزىسى «مۇزتاغ» ئەلا سۈپەتلىك مېۋە، كۆكتاتچىلىق يېزا ئىگىلىك كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى ياڭ خەيجۈننىڭ يول باشلىشىدا، مۇخبىر كوپىراتىپىنىڭ سۈپەتلىك بەرەڭگە تېرىش بازىسىغا كېلىپ، بەرەڭگىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى كۆردى.

  ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ بوزدۆڭ قىرغىز مىللىي يېزىسى تاغلىق رايونغا جايلاشقان، قاتنىشى قولايسىز، ناھىيە بۇيىچە بىر قەدەر نامرات يېزا ھېسابلانسىمۇ، لېكىن بۇ يەرنىڭ تۇپرىقى، كۈن نۇرى شارائىتى بەرەڭگە ئۆستۈرۈشكە ئىنتايىن ماس كېلىدۇ، 2015–يىلى ياڭ خەيجۈن بوزدۆڭ «مۇزتاغ» ئەلا سۈپەتلىك مېۋە، كۆكتاتچىلىق يېزا ئىگىلىك كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قۇرۇپ، ئەلا سۈپەتلىك بەرەڭگە ئۆستۈردى. لېكىن يەر چەكلىك بولغاچقا، كۆلەملىك تىجارەت قىلىش تەسكە توختاپ، ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالدا قالدى. 2017-يىلى، ناھىيە بوزدۆڭ يېزىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا مەركەزلەشتۈرۈپ تۇتاش ئىلگىرى سۈرىدىغان نۇقتىلىق يېزا قىلىپ بېكىتتى، بۇنىڭ بىلەن ياڭ خەيجۈندە ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى زورايتىشقا نىسبەتەن ئۈمىد تۇغۇلدى.

  ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەت جەھەتتىن قوللىشى ۋە ياردىمىدە 2017-يىلى يىل بېشىدا ياڭ خەيجۈن بوزدۆڭ يېزىسىدا يەر ھۆددىگەرلىكى شەكلى ئارقىلىق، يەر كۆلىمىنى 1100 موغا كېڭەيتتى، ھەمكارلىق كوپىراتىپى تەرەققىي قىلىپلا قالماستىن، شۇ جايدىكى ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا بۇغداي تېرىپ كېلىۋاتقان پۇقرالار مەنپەئەتكە ئېرىشتى.

  بوزدۆڭ يېزىسى «مۇزتاغ» ئەلا سۈپەتلىك مېۋە، كۆكتاتچىلىق يېزا ئىگىلىك كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى ياڭ خەيجۈن مۇنداق دېدى: 2015-يىلىدىن باشلاپ ھۆددە ئالغان يەر 1159 موغا يەتتى، ھەر مو يەرگە 700 يۈەندىن ھۆددە پۇلى تاپشۇرىمەن. ھازىر ھەر يىلى كوپىراتىپىمىزدا ئىشلەيدىغان ئەمگەك كۈچى 3000 ئادەم قېتىمغا يەتتى، ئىشلەمچىلەرگە بىر كۈندە 120 يۈەن ئىش ھەققى بېرىمەن، ئەگەر شۇ جايدىكى دېھقانلار ئۇزاق مۇددەت ئىشلىسە 4-ئايدىن 10-ئايغىچە، 24 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلالايدۇ. ھۆددە ھەققى بۇنىڭ سىرتىدا.

  بۇ يىل 3-ئايدا، كەنت ئاھالىسى تۇردى ئەمەت ئائىلىسىگە قاراشلىق 10 مو يەرنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن بولۇپ، 7000 يۈەن يەر ھۆددە ھەققى ئالدى، 4-ئايدىن باشلاپ تۇردى ئەمەت ھەر كۈنى كوپىراتىپىنىڭ يېرىگە ئىشلەپ، ھەر ئايدا 3500 ئەتراپىدا ئىش ھەققى ئالدى، مۇشۇنداق ھېسابلىغاندا، تۇردى ئەمەت بىر يىلدا 30 مىڭ يۈەن كىرىم قىلالايدۇ. يىل بويى تاغدىن چىقماي ياشاۋاتقان دېھقانلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ ئاز سان ئەمەس، ئەلۋەتتە.

  ھازىر، يەرلىرىنى «مۇزتاغ» كوپىراتىپىغا ھۆددىگە بەرگەن بوزدۆڭ كەنت ئاھالىسى 20 گە يەتتى، بۇ يىل كوپىراتىپتا ئىشلەمچىلىك قىلىدىغان شۇ جايدىكى دېھقانلار 3000 ئادەم (قېتىم) گە يەتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر