باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، مەسئۇلىيىتىمنى زىممەمگە ئېلىپ، رولىمنى جارى قىلدۇرىمەن

كۇچا ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى توختى ناسىر

2017.07.25 14:18         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «ئۈچ خىل كۈچ» بۆلگۈنچىلىك قىلىش، بۇزغۇنچىلىق قىلىشتا، ئاساسلىقى مىللەتلەر ھېسسىياتىغا سوغۇقچىلىق سېلىش، مىللەتلەر ئارىسىدا ئارازلىق پەيدا قىلىش، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىشتەك ۋاسىتىلەرنى قوللىنىدۇ. «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ قولچوماقچىلىرى، ئۇلار ھەق- ناھەقنى ئارىلاشتۇرۇپ، ئاق- قارىنى ئاستىن- ئۈستىن قىلىپ، ساختىپەزلىك قىلىپ، پاكىتنى بۇرمىلاپ، پىتنە- ئىغۋا تارقىتىپ، كىشىلەرنى ئازدۇرۇپ، خاتا يولغا باشلاپ، توغرىنى خاتا، خاتانى توغرا قىلىپ كۆرسىتىدۇ. ئۇلار سەھنىدە بىر خىل، سەھنىدىن چۈشكەندە بىر خىل بولىدۇ، سەھنىدە ئاغزىدا شەھەر ئېلىپ، سەھنىدىن چۈشكەندە مالىمانچىلىق پەيدا قىلىدۇ؛ ئۇلار ئەيمەنمەستىن ئاغزىغا كەلگەننى جۆيلۈپ، باشقا مىللەتلەرنى كەمسىتىپ، تۆھمەت چاپلاپ، پىتنە- پاسات تارقىتىپ، نارازىلىق پەيدا قىلىپ، مىللەتلەر ھېسسىياتىغا سوغۇقچىلىق سېلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، قەستەن مىللىي ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ تەسىرى ناھايىتى قەبىھ؛ ئۇلار زوراۋان- تېررورچىلارنى قانات ئاستىغا ئېلىپ، يوشۇرۇپ، ئۇلارغا ھېسداشلىق قىلدى، ھەتتا زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى ئىقتىساد بىلەن تەمىنلەپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە يانتاياق بولۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ» كە چاپان ياپتى، بۇنىڭ بىلەن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرى تولۇق ئەمەلىيلەشمەي قالدى، جىنايەتچىلەر قانات ئاستىغا ئېلىندى، ئادالەتنى، ھەققانىيەتنى ياقلاش تەس بولدى. «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشقا زور دەرىجىدە زىيان يەتكۈزىدۇ، ئۇلار شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، شۇڭا ئۇلارنى قەتئىي تېپىپ چىقىشىمىز، پاش قىلىشىمىز، ئۇلارغا زەربە بېرىشىمىز، ئۇلارنى تولۇق يوقىتىشىمىز كېرەك.

  مەن كۆپ يىل پارتىيەنىڭ تەربىيەسىنى ئالغان ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، سىياسىي ئىنتىزامغا، سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، سىياسىي مەسئۇلىيىتىمنى باشتىن- ئاخىر يادىمدا چىڭ تۇتۇپ، سىياسىي مەيداندا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي يۆنىلىشنى توغرا ئىگىلەيمەن؛ ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئالاھىدە ئەۋزەللىكىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر ۋە «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى بايرىقىم روشەن ھالدا جەڭ ئېلان قىلىمەن.

  بىرىنچى، قەتئىي سادىق بولۇشتەك سياسىي پەزىلىتىمنى ساقلايمەن. ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ھەق- چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە بايرىقىم ئىنتايىن روشەن بولۇش، مەيدانىم ئىنتايىن مۇستەھكەم بولۇش، پوزىتسىيەم ئىنتايىن ئېنىق بولۇش، ھەرىكىتىم ئىنتايىن قەتئىي بولۇشنى باشتىن- ئاخىر ئىشقا ئاشۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ «بىرىكمە مۇشتى» نى ياخشى ئېتىشقا پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئاتلىنىمەن.

  ئىككىنچى، دىققىتىمنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئالىمەن. خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى كادىرلىرى ۋە خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى باتۇرلۇق بىلەن زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە چىڭ تۇرۇپ، بىرىنچى سەپكە ئاتلىنىپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاخىرغىچە كۈرەش قىلىشى؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش، ئىدېئولوگىيە ساھەسى قاتارلىق جەھەتلەردىكى قانۇن- تۈزۈم تەشۋىقات سالمىقىنى زورايتىپ، ئومۇم خەلقنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

  ئۈچىنچى، رولىمنى ياخشى جارى قىلدۇرىمەن، تېگىشلىك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەيمەن. ھەر دەرىجىلىك، ھەر مىللەت خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، باشلامچىلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا زىيان يەتكۈزىدىغان بارلىق سۆز- ھەرىكەتلەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشى كېرەك. كەڭ ۋەكىللەر باشلامچىلىق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ جىنايى قىلمىشىنى ئەيىبلەپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ سىڭىپ كىرىشى، بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا باشلامچىلىق بىلەن قارشى تۇرۇپ، زوراۋان- تېررورچىلارغا جەڭ ئېلان قىلىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر