باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ سىڭىپ كىرىشى، يامرىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئوبلاست باشلىقى قۇرماش سىرجان

2017.07.21 14:57         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يېڭى ۋەزىيەتتىكى دىن خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئىلمىي تەھلىل قىلىپ، دىن خىزمىتىنى قانۇن ئارقىلىق باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ھەرىكىتىنى قانۇن بويىچە قېلىپلاشتۇرۇش، دىنغا چېتىشلىق تۈرلۈك ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنى قانۇن بويىچە تەڭشەشتىن ئىبارەت دىن ساھەسىدىكى ھەر خىل زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشنىڭ تۈپ يولىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەرلىك نىزامنىڭ يېتەكچىلىك قىلىش، قېلىپلاشتۇرۇش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دىن بايرىقىنى كۆتۈرۈۋالغان، دىن تونىغا ئورىنىۋالغان، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى تەرغىب قىلىدىغان، بۆلگۈنچىلىك، سىڭدۈرمىچىلىك، بۇزغۇنچىلىق ۋە زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان جىنايەتچىلەرگە، قانۇنسىز تەشكىلاتلارغا قەتئىي زەربە بېرىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى»نى تۈزۈپ ئېلان قىلدى. «نىزام»نىڭ ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلۇشى «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش»نى ئىزچىللاشتۇرۇشنى كۈچلۈك قانۇن قوللانمىسى بىلەن، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش»نى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچلۈك قانۇن كاپالىتى بىلەن، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچلۈك قانۇن قورالى بىلەن تەمىنلىدى.

  ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر، ئالاقىدار تارماقلار «نىزام»دىن ئىبارەت بۇ كۈچلۈك قانۇن قورالىدىن پايدىلىنىپ، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ نىقابىنى يىرتىپ تاشلاپ، ئۇلارنىڭ ھەقىقىي ئەپت- بەشىرىسىنى ئاشكارىلاپ، جىنايى ماھىيىتىنى پاش قىلىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىغا دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ رەزىل غەرزىنى تەلتۆكۈس ئېنىق تونۇش توغرىسىدا تەربىيە ۋە ياردەم بېرىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى ۋە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۇلارنى دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ زىيىنىغا ئۇچراتماي، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئاساسىنى ھەقىقىي پۇختىلىشى كېرەك. «نىزام»نى ئۆگىنىپ، ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ياخشى تەدبىقلاپ، ھەر مىللەت ئاممىغا ۋەتەننى، شىنجاڭنى سۆيۈش، ئىنتىزامغا، قانۇنغا رىئايە قىلىش توغرىسىدا تەربىيە بېرىش ۋە ئاممىنى شۇنداق قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك. ھەرقانداق كىشىنىڭ دىندىن پايدىلىنىپ جەمئىيەت تەرتىپى، خىزمەت تەرتىپى، تۇرمۇش تەرتىپىگە كاشىلا قىلىشىغا، ھەرقانداق كىشىنىڭ دىندىن پايدىلىنىپ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە سوتسىيالىستىك تۈزۈمگە قارشى چىقىشىغا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا قەتئىي يول قويماسلىق كېرەك. قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇن سىرتىدىكى ماكان، قانۇن سىرتىدىكى ئادەم ۋە قانۇن سىرتىدىكى دىن بولۇشقا قەتئىي يول قويماسلىق كېرەك.

  دىنىي ساھەدىكىلەر باشلامچىلىق، يېتەكچىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت دىنىي تەشكىلاتلارنى دىنىي ساھەدىكى زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرىدىغان، ئۇلار بىلەن ئالاقىلىشىدىغان كۆۋرۈك ۋە ۋاسىتە قىلىپ، ئۇلارنىڭ دىننىڭ ئىچكى ئىشلىرىدىكى رولىغا ھۆرمەت قىلدى ۋە رولىنى جارى قىلدۇردى؛ دىنىي زاتلارنى ئۇرۇق- تۇغقان ۋە دوست قاتارىدا كۆرۈپ، تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈش، قوغداش ۋە غەمخورلۇق قىلىش جەھەتلەردە نۇرغۇن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ، ئۇلارنى سىياسىي جەھەتتە شان- شەرەپكە، جەمئىيەتتە ئورۇنغا، بىخەتەرلىكتە كاپالەتكە، تۇرمۇشتا كېپىللىككە ئىگە قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى. ھالبۇكى، «ئۈچ خىل كۈچ»ھەرگىز ئەمەلگە ئاشمايدىغان رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، جېنىنىڭ بارىچە دىنىي ئەقىدىلەرنى بۇرمىلاپ، دىنىي زاتلارنى ئۆز يېنىغا تارتماقچى، ئۇلاردىن پايدىلانماقچى بولدى. «نىزام»دىن ئىبارەت بۇ قانۇن قورالىنىڭ كاپالىتى بولغان ئىكەن، دىنىي زاتلار كاللىسىنى ھەر ۋاقىت سەگەك تۇتۇپ ۋە ئەندىشە ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، ئەسەبىيلىكنى توسۇشنى ۋەتەننى، دىننى سۆيۈشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، مەردانە بولۇپ، مەيدانىنى مۇستەھكەملەپ، «نىزام»غا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ئەسەبىيزمغا قارشى دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ئەسەبىي ئىدىيەگە بايرىقى روشەن ھالدا رەدىيە بېرىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى توغرا ئېتىقاد تۇرغۇزۇپ، ئەسەبىيلىكتىن يىراقلىشىشقا يېتەكلىشى كېرەك.

  جەمئيەتتىكى ھەر ساھەدىكىلەر ۋە شەخىسلەر ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىشى كېرەك. قانۇننى ئۆگىنىپ، قانۇنغا رىئايە قىلىپ، «بەشنى تونۇش»قارىشىنى مۇستەھكەملەپ، پارتىيەنى، ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيۈپ، بۆلگۈنچىلىككە، ئەسەبىيلىككە، زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇشتا باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، دىنىي ئەسەبىيلىككە ئاڭلىق قارشى تۇرۇشى ۋە ئۇنىڭدىن يىراقلىشىشى كېرەك. جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكىلەر ۋە ھەر مىللەت ئامما پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئىرادىسىنى مۇستەھكەملەپ، «ئەسەبىيلىك»كە بولغان سەزگۈرلۈكىنى كۈچەيتىپ، «ئەسەبىيلىك»نىڭ ئىپادىلىنىش شەكىللىرىنى پەرقلەندۈرۈشكە ماھىر بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئاڭلىق يىراقلىشىپ، ئۇنىڭغا قايتۇرما زەربە بېرىپ، ئەسەبىيلىككە دائىر گەپ- سۆزلەرنى ئوچۇقتىن- ئوچۇق تارقاتقان، تەرغىب قىلغانلارغا قارشى تىغمۇتىغ كۈرەش قىلىپ، ئۇلارنى قەتئىي پاش قىلىپ، بىرمۇ ئەسەبىي ئۇنسۇرنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتمەي، ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ يامرىشىغا ھەرگىز يول قويماي، پۈتكۈل جەمئيەتتە ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا زەربە بېرىش كۈچلۈك دولقۇنىنى قوزغاش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر