باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز ئالدىنقى يېرىم يىلدا تاشيول قۇرۇلۇشىغا 56 مىليارد 169 مىليون يۈەن مەبلەغ سالدى

2017.07.21 14:59         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىز ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىمنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش- تىرانسپورت نازارىتى 7- ئاينىڭ 19- كۈنى ئاچقان 9- قېتىملىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى ماسلاشتۇرۇش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلدا تاشيول قۇرۇلۇشىغا سالغان مەبلىغى 56 مىليارد 169 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدە سېلىنغان مەبلەغنىڭ 5.1 ھەسسىسى بىلەن تەڭلەشكەن، سېلىنغان مەبلەغنىڭ ئېشىش سۈرئىتى جەھەتتە مەملىكەت بويىچە 1- ئورۇندا تۇرغان.

  ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش- تىرانسپورت نازارىتىنىڭ نازىرى زۇلپىيە ئابدۇقادىرنىڭ يىغىندا تونۇشتۇرۇشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل قاتناش قۇرۇلۇش تۈرىدىن 4347 نى يولغا قويغان بولۇپ، بۇ تۈرلەرگە سېلىنىدىغان ئومۇمىي مەبلەغ 821 مىليارد 200 مىليون يۈەنگە يېتىدىكەن. بۇ تۈرلەردىن قۇرۇلۇش قىلىش خەرىتىسى تاماملانغان تۈر 3833، قۇرۇلۇش باشلانغان تۈر 3287 بولۇپ، ئومۇمىي تۈرنىڭ ئايرىم- ئايرىم ھالدا % 88.2ى ۋە %75.6ىنى ئىگىلىگەن.

  يىغىندا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ۋىلايەت (ئوبلاست)، شەھەرلەرنىڭ 2017- يىللىق تۇنجى قېتىملىق قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ نىشان- ۋەزىپىلىرىنى تەكشۈرۈپ- باھالاش نەتىجىسى ئېلان قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش- تىرانسپورت نازارىتى يېقىندا ئېلان قىلغان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ نىشان- ۋەزىپىلىرىنى تەكشۈرۈپ- باھالاش ۋاقىتلىق چارىسى» بويىچە، تەكشۈرۈپ- باھالاشتا 1- دەرىجىگە ئېرىشكەن سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق قاتناش- تىرانسپورت ئىدارىسى 20 مىليون يۈەن بىلەن، 2- دەرىجىگە ئېرىشكەن ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق قاتناش- تىرانسپورت ئىدارىسى بىلەن ئاقسۇ ۋىلايەتلىك قاتناش- تىرانسپورت ئىدارىسىنىڭ ھەر بىرى 15 مىليون يۈەن بىلەن، 3- دەرىجىگە ئېرىشكەن بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق قاتناش- تىرانسپورت ئىدارىسى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق قاتناش- تىرانسپورت ئىدارىسى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق قاتناش- تىرانسپورت ئىدارىسى ۋە ئالتاي ۋىلايەتلىك قاتناش- تىرانسپورت ئىدارىسىنىڭ ھەر بىرى 10 مىليون يۈەن بىلەن مۇكاپاتلاندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر