باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

باي ناھىيەسىدە ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان 18 مەسىلىگە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىلدى

2017.04.06 15:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 30-مارت، باي ناھىيەسى پاكلىق خىزمىتى يىغىنى ئېچىپ، ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان 18 مەسىلىگە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقاردى.

  باي ناھىيەلىك سۇ ئىشلىرى ئىدارىسى سۇ تۇرۇبىسى باش پونكىتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن پونكىت باشلىقى ئەركىن تۇرسۇن قانۇنسىز يەر ئىگىلىۋېلىپ، 9000 يۈەن پايدا ئالغان. ئۆز قارىمىقىدىكى ئورۇنلارنىڭ ئىقتىسادىي ئېتىزىنى تۆۋەن باھادا ھۆددىگە ئېلىپ، يۇقىرى باھادە قايتا ھۆددىگە بېرىپ، 70 مىڭ 200 يۈەن پايدا ئالغان. يالغاندىن باشقىلارنىڭ نامىدا ئېلىش، ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ ئېلىش ئارقىلىق 6881 يۈەن كاماندىروپكا خىراجىتىنى ئېلىۋالغان، ئۇنىڭغا بىر يىل پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش، مەمۇرىي ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىلدى.

  باي ناھىيەسى كانچى يېزىلىق چارۋىچىلىق پونكىتىنىڭ سابىق پونكىت باشلىقى ئەلىنىياز كەنجى ئوتلاق ياردەم مەبلىغىدىن 176 مىڭ يۈەنگە خىيانەت قىلغان، ئۇنىڭغا پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىش ۋە 10 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلدى.باي ناھىيەسى ئونباش يېزىلىق پارتكومىنىڭ سابىق ئەزاسى، قوراللىق بۆلۈمىنىڭ باشلىقى تۇرغۇن ئابلىز كەنت سېكرىتارى بولغان مەزگىلدە، نامراتلارنى يۆلەش ئۈچۈن بېرىلگەن قويدىن ئىككىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالغان، ئۇنىڭغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىنى ئېلىپ تاشلاش، مەمۇرىي دەرىجىسىنى چۈشۈرۈش جازاسى بېرىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر