باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋاكالەت ئاپپاراتىنىڭ خىزمەت بەلگىلىمىسىنى ئېلان قىلدى

2017.03.27 14:56         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى يېقىندا «ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋاكالەت ئاپپاراتىنىڭ خىزمەت بەلگىلىمىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»نى ئېلان قىلدى. «بەلگىلىمە»دە ئىنتىزام - مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ ئىنتىزام ئىجراسىنى نازارەت قىلىش جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئاساسىي خىزمىتى ۋە ئىنتىزام - مەمۇرىي تەپتىش كادىرلىرىنىڭ سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولۇش تەلىپى زىچ چۆرىدىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋاكالەت ئاپپاراتىنىڭ خىزمىتى خىزمەت مەسئۇلىيىتى، خىزمەت مۇناسىۋىتى، نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش، ئىنتىزام ئىجراسىنى تەكشۈرۈش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش تەكلىپى بېرىش، ئىنتىزام تەلىپى ۋە ئىچكى باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىن قېلىپلاشتۇرۇلدى.

  ئۇقۇشىمچە، بۇ بەلگىلىمە ۋاكالەت ئاپپاراتىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى توغرا ئادا قىلىشىنى ئاساسقا ئىگە قىلىپ، تۇرۇشلۇق تارماقلاردىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى سۇبيېكتىپلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نىزامنامىسى»، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك نىزامى»، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگىنىنىڭ ئىنتىزام ئىجراسىنى نازارەت قىلىش خىزمەت قائىدىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)» ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋاكالەت ئاپپاراتلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكرى»گە ئاساسەن تۈزۈلگەن. «بەلگىلىمە»دە پارتىيە نىزامنامىسىدە ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرىغا بېرىلگەن ئۈچ تۈرلۈك ۋەزىپىگە ئاساسەن، ۋاكالەت ئاپپاراتلىرىنىڭ سەككىز جەھەتتىكى تېخىمۇ كونكرېت، تېخىمۇ مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە خىزمەت مەسئۇلىيىتى، بولۇپمۇ نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش، ئىنتىزام ئىجراسىنى تەكشۈرۈش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش خىزمەت تەرتىپى ۋە ئاساسىي جەريانى ئايدىڭلاشتۇرۇلغان.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭىدا تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى يۈ جيې مۇنداق دېدى: «بەلگىلىمە» ۋاكالەت ئاپپاراتلىرى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، تۇرۇشلۇق تارماقلارنىڭ خىزمەت مۇناسىۋىتىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ۋاكالەت ئاپپاراتلىرى كادىرلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئىشلەش، نېمە خىزمەتلەرنى ئىشلەش، قانداق ئىشلەش، ياخشى ئىشلىيەلمىسە قانداق بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، مەسئۇلىيىتىمىزنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىشىمىزدا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.

  2016 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 39 ۋاكالەت ئاپپاراتى تەسىس قىلىپ، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك 108 پارتىيە ۋە دۆلەت ئورگىنىغا تۇرۇشقا ئەۋەتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنى تولۇق نازارەت قىلىشقا كاپالەتلىك قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر