باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«چېمپىيونلۇق تەختى»گە يېقىنلاشقاندا...

2016.11.21 14:27         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «بۇ مەيدان مۇسابىقىدە غەلىبە قىلغان بولساقمۇ، كوماندا ئەزالىرىنىڭ ئىپادىسىدىن رازى بولمىدىم. شىنجاڭ كوماندىسىدەك <چېمپىيونلۇق تەختى>نى نىشانلاۋاتقان كوماندا ئۈچۈن ئېيتقاندا، كوماندا ئەزالىرىنىڭ ئالدىنقى ۋە كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدىكى ئىپادىسىدە بۇنداق زور پەرق بولۇشى ھەممەيلەننى ئويلاندۇرۇشى كېرەك. <چېمپىيونلۇق تەختى>گە قانچە يېقىنلاشقانسېرى شۇنچە ئەستايىدىل بولۇشىمىز، ھەر بىر ئىنچىكە ھالقىغىمۇ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشىمىز، مەيلى نومۇردا قانچىلىك ئۈستۈنلۈككە ئېرىشەيلى ياكى ئارقىدا قالايلى، كۈچلۈك كوماندىلارغا خاس روھىي ھالەتنى باشتىن- ئاخىر ساقلاپ، ھەر قانداق رەقىبىمىزگە قەتئىي سەل قارىماسلىقىمىز كېرەك». بۇ 2016 -، 2017- يىللىق مەملىكەتلىك A دەرىجىلىك ئەرلەر كەسپىي ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ «قەشقەر قەدىمىي شەھىرى» كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرى لى چيۇپىڭنىڭ 11- ئاينىڭ 13- كۈنى شىنجاڭ كوماندىسى بىلەن جياڭسۇ «كېنتېر» كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئېيتقانلىرى ئىدى. گەرچە شۇ كۈنكى مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا 115 تە 106 نەتىجە بىلەن جياڭسۇ كوماندىسىنى يەڭگەن بولسىمۇ، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە 21 نومۇر ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەن ئەھۋالدا، مۇسابىقە ئاخىرلىشىشقا ئاز قالغاندا رەقىبىنىڭ نەتىجىنى 94 تە 94 قىلىپ تەڭلەشتۈرۈۋېلىشى شىنجاڭ كوماندىسىدىكىلەر ۋە شىنجاڭلىق ۋاسكېتبول مەستانىلىرىنى سەل ئالاقزەدە قىلىپ قويغانىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇنىڭدىن ئىككى كۈن بۇرۇن شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئۆز مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن جياڭسۇ «تۇڭشى» كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدىمۇ يۇقىرىقىدەك ئەھۋال كۆرۈلۈپ، ئۇدا غەلىبە قىلىۋاتقان شىنجاڭ كوماندىسى بۇ مۇسابىقە پەسلى باشلانغاندىن بۇيان بىرمۇ مەيدان ئۇتۇپ باقمىغان بۇ كوماندىنى 119دا 108 نەتىجە بىلەن خېلى كۈچەپ يەڭگەنىدى. شۇڭا كوماندىدا ئارقا- ئارقىدىن كۆرۈلگەن رەقىبىگە سەل قاراش، كوماندا ئەزالىرىنىڭ روھىي ھالىتى ۋە ئىپادىسى تۇراقسىز بولۇش، ئورۇنسىز سەۋەنلىك كۆپ بولۇش ئەھۋالى باش تىرېنېر لى چيۇپىڭنى سەل «كايىتىپ» قويغانىدى.

  شىنجاڭ كوماندىسى 2002- يىلى مەملىكەتلىك A دەرىجىلىك ئەرلەر كەسپىي ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن 14 يىلدىن بۇيان، «چېمپىيونلۇق تەختى»دە ئولتۇرۇپ، شىنجاڭ خەلقىنىڭ، جۈملىدىن شىنجاڭلىق تەنھەرىكەت ئەزىمەتلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك كەسپىي بىرلەشمە مۇسابىقىلەردە چېمپىيون بولۇش ئارزۇسى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار نىشانىدىن ھېچقاچان ۋاز كېچىپ باقمىدى ھەم بۇنىڭ ئۈچۈن ئىزچىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەلدى. كۇلۇبنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر ھەر مۇسابىقە پەسلىدە كوماندا ئۈچۈن ئايىماي مەبلەغ سېلىپ، نەچچە ئون، ھەتتا يۈز مىليون يۈەنلەپ پۇل خەجلەپ، مەملىكەت ئىچى، چەت ئەللەردىن يۇقىرى سەۋىيەلىك تىرېنېر- تەنھەرىكەتچى، باشقۇرغۇچى خادىملارنى تەكلىپ قىلىپ، «زەردار كوماندا» دەپ ئاتالدى. بەزى مۇسابىقە پەسلىدە، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ «كۆزى چۈشكەن» داڭلىق بىرەر تەنھەرىكەتچىنى تەكلىپ قىلىش ئۈچۈن سالغان مەبلىغى بىر قىسىم كوماندىلارنىڭ بىر يىلدا سالغان ئومۇمىي مەبلىغىنى قاتلىۋەتتى. كۇلۇبنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر كوماندىغا قاتتىق تەلەپ قويۇپ، تەنھەرىكەتچى يارىمىغۇدەك بولسا، دەرھال تەنھەرىكەتچىنى، تىرېنېر يارىمىغۇدەك بولسا، شۇئان تىرېنېرنى ئالماشتۇرۇپ، چېمپىيونلۇققا بولغان قاتتىق ئىنتىلىشى ۋە تەقەززالىقىنى ئىپادىلىدى. شۇڭلاشقىمۇ ھەر مۇسابىقە پەسلى باشلانغاندا، شىنجاڭ كوماندىسى چېمپىيونلۇقنى تالاشقۇچى كوماندىلارنىڭ ئالدىغا تىزىلدى. ئەپسۇسكى، 14 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ كوماندىسى «چېمپىيونلۇق تەختى»نىڭ يېنىدىن بىر قانچە قېتىم ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭدا «ئولتۇرۇش» نېسىپ بولمىدى. بولۇپمۇ يېقىنقى بىر نەچچە مۇسابىقە پەسلىدە تېخنىكا، تاكتىكا، ماسلىشىشچانلىق قاتارلىق جەھەتلەردە يىلسېرى پىشىپ يېتىلگەن، ئارقا سەپ ئىز باسارلىرى ئۆكسىمەي يېتىشىپ چىقىۋاتقان شىنجاڭ كوماندىسى ھەقىقىي كۈچلۈك كوماندىلار قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ، دائىملىق مۇسابىقىلەردە بىرقانچە قېتىم چېمپىيون بولدى، پەسىل ئاخىرىدىكى مۇسابىقىلەردىمۇ زور ئۈستۈنلۈك بىلەن رەقىبلىرىنى يەڭدى، ئەپسۇسكى، ئومۇمىي ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە يا ئۇنداق، يا مۇنداق سەۋەبلەر بىلەن «چېمپىيونلۇق تەختى»گە چىقىدىغان ئاخىرقى قەدەملەرنى غەلىبىلىك باسالماي، ھەممەيلەننى ھەسرەتتە قويدى.

  «مەغلۇبىيەت مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئانىسى» دېگەندەك، گەرچە شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ چېمپىيونلۇق «چۈشى» ھازىرغىچە رېئاللىققا ئايلانمىغان بولسىمۇ، ئارقا- ئارقىدىن ئۇچرىغان ئوڭۇشسىزلىق ۋە مەغلۇبىيەت شىنجاڭ كوماندىسىنى مول تەجرىبىگە ئىگە قىلدى. كۇلۇبنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر چېمپىيونلۇققا ئېرىشىش، ھەقىقىي كۈچلۈك كوماندىلارغا خاس سالاپىتىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن كۈچلۈك ئىقتىسادىي كاپالەتتىن باشقا، ئەڭ مۇھىمى، كۈچلۈك ئارقا سەپ قوشۇنى، كوماندىنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقى، تېخىمۇ مۇھىمى شان- شەرەپنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان، كوماندىنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن سۆيىدىغان، ھەل قىلغۇچ پەيتلەردە ئوتتۇرىغا چىقىپ، «يۈك»نىڭ ئېغىرىنى كۆتۈرەلەيدىغان بىر تۈركۈم غوللۇق ئەزالار بولۇشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ، ئىز باسارلارنى، بولۇپمۇ شىنجاڭلىق ماھىرلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى. بۇنىڭ تېزلا ئۈنۈمى كۆرۈلۈپ، قىسقىغىنا بىر نەچچە يىل ئىچىدە شىرئەلىجان، قىرانبېك، يۈ چاڭدۇڭ، ئابدۇسالام، كامرانجان قاتارلىق ماھىرلار يېتىشىپ چىقتى. ئۇنىڭدىن باشقا، جۇ چى قاتارلىق مەملىكەت ئىچىدىكى ئىستىقباللىق ياش ماھىرلارنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك توختام بىلەن كوماندىغا قېتىلىشى، بىلاتچىر قاتارلىق يۇقىرى سەۋىيەلىك چەت ئەللىك ماھىرلارنىڭ ئۇزاق مۇددەت ئالماشتۇرۇۋېتىلمەسلىكى، بولۇپمۇ شاڭخەي كوماندىسىنى يېتەكلەپ مەملىكەتلىك A دەرىجىلىك ئەرلەر كەسپىي ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە چېمپىيونلۇققا ئېرىشىپ، «كىچىك جۇگې لياڭ» دەپ نام ئالغان يۇقىرى سەۋىيەلىك تىرېنېر لى چيۇپىڭنىڭ كوماندىغا ئۆزلىشىپ قېلىشى بىلەن شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئومۇمىي سەۋىيەسى، ماسلىشىشچانلىقى، كوللېكتىۋىزملىق روھى، ئۇيۇشقاقلىقى ۋە جەڭگىۋارلىقى كۈچىيىپ، بىرلەشمە مۇسابىقىگە قاتنىشىۋاتقان ھەر قانداق كوماندا شىنجاڭ كوماندىسىدىن «ئەيمىنىدىغان»، شىنجاڭ كوماندىسىنى ئەڭ كۈچلۈك رەقىبلىرى قاتارىدىن سانايدىغان ھالەت شەكىللەندى...

  شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بۇ مۇسابىقە پەسلى شىنجاڭ كوماندىسى ئۈچۈن «چېمپىيونلۇق تەختى»گە چىقىشىنىڭ ئالتۇن پۇرسىتى. شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ بۇ مۇسابىقە پەسلى باشلىنىشتىن بۇرۇن مەملىكىتىمىزدىكى كەسپىي ۋاسكېتبول كۇلۇبلىرىغا ۋاكالىتەن ئاسىيا ۋاسكېتبول كۇلۇبلىرى چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، چېمپىيون بولۇشى كوماندا ئەزالىرىنىڭ ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ، جەڭگىۋارلىقىنى كۈچەيتتى. ياۋروپا ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە «ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى» بولۇپ باھالانغان ئادامىسنىڭ شىنجاڭ كوماندىسىغا قېتىلىشى «يولۋاس»قا «قانات» چىققاندەك، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى تېخىمۇ زورايتتى. ھەممەيلەن يېڭى مۇسابىقە پەسلىدىكى بۇ «ئاسىيا چېمپىيونى»غا كۆز تىكىپ، شىنجاڭ كوماندىسىدىن زور ئۈمىد كۈتمەكتە. شىنجاڭ كوماندىسىمۇ 11- ئاينىڭ 15- كۈنىگىچە ئوينىغان يەتتە مەيدان بىرلەشمە مۇسابىقىدە تولۇق غەلىبە قىلىپ، 1- ئورۇندا ماڭماقتا. ئۇنىڭ ئۈستىگە، چېمپىيونلۇق يولىدىكى كۈچلۈك رەقىبلىرى سانىلىدىغان بېيجىڭ، جېجياڭ كوماندىلىرىنى يېڭىپ، كۈچلۈك كوماندىغا خاس سالاپىتىنى نامايان قىلماقتا. شىنجاڭ كوماندىسى ھەممەيلەننىڭ نەزىرىدە «چېمپىيونلۇق تەختى»گە يېقىنلاپ قالغان بولسىمۇ، مۇسابىقە پەسلى تېخى ئۇزاق. ھازىرقى شىنجاڭ كوماندىسىغا نىسبەتەن بىرلەشمە مۇسابىقىدە بىر نەچچە مەيدان ئۇتۇش ياكى ئۇتتۇرۇپ قويۇش ھېچقانچە گەپ ئەمەس، مۇھىمى، گەپ كوماندىنىڭ بارلىق ئۈمىدنى بىر ياكى بىر نەچچە ماھىرغىلا باغلاپ قويماي، ئىزچىل تۇراقلىق ھالەتنى ساقلىيالىشىدا. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، شىنجاڭ كوماندىسى مۇسابىقە جەريانىدا ھەر بىر ئىنچىكە ھالقىغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرۇپ، نومۇر ئېلىش ۋەزىپىسىنى بىر نەچچە ئەزاغىلا مەركەزلەشتۈرۈپ قويماي، كوللېكتىپ ماسلىشىشچانلىق، ھەممە ئەزانىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئورتاق نىشان ئۈچۈن تىرىشىدىكەن، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى توسالغۇلارنى بىر- بىرلەپ سۈرۈپ تاشلاپ، «چېمپىيونلۇق تەختى»گە چىقىپ، ھەممەيلەننىڭ ئۈمىدىنى ئاقلىيالايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر