17-نويابىر، كۈرتى چېگرا مۇداپىئە ساقچىخانىسىدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر بىلەن چېگرا قوغدىغۇچىلار بۇزۇلغان سىم تورنى يامىماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئالتاي ۋىلايىتىدە ئۇدا قار يېغىپ، ئەڭ تۆۋەن تېمپۇراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 22 گىرادۇسقا چۈشتى. 17-نويابىر، ئالتاي ۋىلايىتى كۆكتوقاي ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە چوڭ ئەترىتىنىڭ كۈرتى چېگرا مۇداپىئە ساقچىخانىسىدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر بىلەن چېگرا قوغدىغۇچىلار تەشكىللىنىپ، قارلىق تاغ، مۇزلۇقنى ئاتلاپ ئۆتۈپ، رايون چېگراسى 1-سېپىنىڭ ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، قېلىن قارنىڭ چېگرا ئامانلىق باشقۇرۇش ۋە چېگرا رايونىدىكى خەلقنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىغا كۆرسەتكەن تەسىرىنى ۋاقتىدا ئىگىلىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى