باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچىدە ئۆكتەبىر ئېيىدا ھاۋا سۈپىتى ئەلا بولغان كۈنلەرنىڭ نىسبىتى %90تىن ئاشتى

2016.11.17 14:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۆكتەبىر ئېيىدا، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھاۋا سۈپىتى ئۆلچەمگە يەتكەن كۈنلىرى جەمئىي 29 كۈن بولۇپ، ھاۋا سۈپىتى ئەلا بولۇش نىسبىتى %93.5كە يەتتى.

  مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى 14-ئۆكتەبىر بۇ يىل ئۆكتەبىردىكى 74نۇقتىلىق شەھەرنىڭ ھاۋا سۈپىتى ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى. ئۆكتەبىردە، 74 شەھەرنىڭ ھاۋا سۈپىتى ئەلا بولغان كۈن سانى نىسبىتى %91.3 بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 12.9 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى.

  مۇخبىرنىڭ مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى سانلىق مەلۇمات مەركىزىنىڭ سانلىق مەلۇماتلاردىن ئىگىلىشىچە، ئۆكتەبىر مەزگىلىدە، ئۈرۈمچىدە 12-، 13- ئۆكتەبىرلا يېنىك بۇلغىنىش بولغان، باشقا كۈنلىرى ھاۋا سۈپىتى ئاساسەن ئۆلچەمگە يەتكەن، ھاۋا سۈپىتى ئەلا بولغان كۈنلەر بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن ئالتە كۈن كۆپەيگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، توققۇز كۈنلۈك ھاۋا سۈپىتى 1- دەرىجىلىك ئەلا بولغان بولۇپ، بۇ توققۇز كۈن ئايرىم-ئايرىم ھالدا 2- ئۆكتەبىردىن 6- ئۆكتەبىرگىچە بولغان كۈنلەر ۋە 19-، 24-، 25-، 27- ئۆكتەبىر كۈنلىرى ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر