باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە 2018- يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پىدائىيلىرىنىڭ شەخسىي تاپاۋەت بېجىنى قانۇن بويىچە كەچۈرۈم قىلىدىكەن

2016.11.17 14:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رۇسىيە «گېزىت» تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە دۆلەت دۇماسى يېقىندا 2018- يىللىق دۇنيا لوڭقىسىغا تەييارلىق قىلىش مەزگىلىدە ۋە ئۆتكۈزۈش جەريانىدا پىدائىيلىق كۆرسىتىدىغان پىدائىيلارنىڭ شەخسىي تاپاۋەت بېجىنى كەچۈرۈم قىلىش توغرىسىدىكى قانۇن ئاخىرقى سوتتا قاراپ چىقىدىغانلىقى ماقۇللانغان.

  مەزكۇر خەۋەر رۇسىيە دۆلەت دۇماسىنىڭ ھۆكۈمەت تورىدا ئېلان قىلىنغان.

  بۇنىڭدىن سىرت، پىدائىيلار 2017- يىللىق رۇسىيە بىرلەشمە لوڭقىسى خىزمىتى مەزگىلدىكى كىرىمى ئۈچۈن شەخسىي تاپاۋەت بېجى تاپشۇرمايدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر قانۇن 2016- يىلى 9- ئايدا رۇسىيە دۆلەت دۇماسىغا تاپشۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ رەسمىي ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ بىر ئاي ئىچىدە كۈچكە ئىگە بولىدىكەن، كۈچكە ئىگە مۇددىتى 2018- يىلى 12- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە بولىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر