- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
قاش دەرياسىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش قۇرۇلۇشى پۈتۈپ، ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇپ بېرىلدى
2016.11.16 16:48 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:(ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نەبىجان ئەخمەت خەۋىرى) جەمئىي 16 مىليون 80 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنغان نىلقا ناھىيەسى قاش دەرياسىنىڭ نىلقا بازىرى تەۋەلىكىدىكى كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش - مەنزىرە تۈر قۇرۇلۇشى يېقىندا پۈتۈپ، ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇپ بېرىلدى.
بۇ تۈر قۇرۇلۇشى ناھىيە بازىرىغا ئۈچ كىلومېتىر كېلىدىغان بولۇپ، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ھەر قېتىملىق كەلكۈندە دەريا سۈيى تېشىپ، دەريا قىرغىقىدىكى قۇم -شېغىل، ئىككىلەمچى ئورمان، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر ۋە دەريا بويىدىكى تېرىلغۇ يەرلەرنى ئېقىتىپ كېتىپ، ئېكولوگىيەنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپ كەلگەن، شۇنداقلا دەريا بويىغا يېقىن ئولتۇراقلاشقان ئاھالىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىمۇ تەھدىت ئىچىدە قالغانىدى.
بۇ ئەھۋالنى ئۆزگەرتىپ، دەريا بويى ئېكولوگىيەسىنى ئۈنۈملۈك قوغداش، ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن، بۇ ناھىيە بۇ يىل 5-ئايدا مەركەز، ئاپتونوم رايوندىن تۈر مەبلىغى ھەل قىلىپ، ئېكولوگىيەنى تۈزەش قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاپ، بۇ يىل ئۆكتەبىرنىڭ ئاخىرىدا قۇرۇلۇشنى تاماملىدى. بۇنىڭ بىلەن قاش دەرياسى بويىغا 3000 مېتىر ئۇزۇنلۇقتا كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش توسمىسى ياسالدى، 1000 مېتىر ئۇزۇنلۇقتا دەريا مەنزىرىسىنى سەيلە قىلىش مەنزىرە ياغاچ يولى ۋە كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيى، تازىلىق ئۆيى، ياغاچ ئورۇندۇقلار ياسالدى، بۇ تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ ياسىلىشى بىلەن دەريا بويىدا ئولتۇراقلاشقان 3000 ئاھالە، 8000 مو ئېتىز كەلكۈن ئاپىتىدىن ئۈنۈملۈك قوغدىلىپ قالماستىن، يەنە ناھىيەدىكى ھەر مىللەت ئاممىسى ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ دەم ئىلىش ۋاقىتلىرىدا كېلىپ ئارام ئالىدىغان، دەريا ۋە تەبىئىي توقايلىق مەنزىرىسىدىن قانغىچە ھۇزۇر ئالىدىغان مەنزىرىگاھى بولۇپ قالدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر