باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ: تەرەققىياتنىڭ 1-ۋەزىپىسىنى چىڭ تۇتۇپ، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىپ، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش، يېڭىلىق يارىتىش بىلەن جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2016.11.16 16:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 14-نويابىر سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قاتارلىق خىزمەتلەر توغرىسىدا ئالاقىدار مۇتەخەسسىس، ئالىم، كارخانا مەسئۇللىرىنىڭ تەكلىپىنى ئاڭلىدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا، ئالىي مەكتەپ، تەتقىقات ئاپپاراتى، كارخانا، دوختۇرخانا، يەرلىكتىكى تۇرالغۇ كاپالەت مەركىزىدىن كەلگەن خۇاڭ يىپىڭ، شېن مىڭگاۋ، سۈي لى، ما جېڭۋۇ، رېن جېڭفېي، زېڭ يىشىن، يەن جياڭ قاتارلىقلار نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە كېيىنكى قەدەملىك يۈزلىنىش، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى قانداق قىلىپ تېخىمۇ ياخشى بىر تەرەپ قىلىشلارنى چۆرىدەپ سۆز قىلدى. كۆپچىلىك مۇنداق قارىدى: نۆۋەتتە جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى مۇقىم ئاشتى، بولۇپمۇ 3-پەسىلدىن بۇيانقى نۇرغۇن كۆرسەتكۈچىلەر مۆلچەردىكىدىن ياخشى بولدى، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا نۇرغۇن يارقىن نۇقتىلار ئىپادىلەندى، يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچلەر تېز ئۆسۈپ يېتىلىپ، كارخانا ئۈنۈمى ياخشىلاپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا بولغان ئىشەنچىمىز تېخىمۇ ئاشتى. لى كېچياڭ كۆپچىلىك بىلەن چوڭقۇر مۇزاكىرىلەشكەندىن كېيىن مۇنداق دېدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، يۇقىرى-تۆۋەن ئورتاق تىرىشىپ، بۇ يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق نىشان-ۋەزىپىلىرىنى تاماملاش ياخشى ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، لېكىن شۇنى تونۇپ يېتىش كېرەككى، خەلقئارا مۇھىتتا ھازىر ئېنىقسىز ئامىللار كۆپىيىپ، دۆلەت ئىچىدىكى رايون، كەسىپ ئىقتىسادىنىڭ يۈزلىنىشىگە بىر قەدەر چوڭ خىرىسلارنى ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ماكرو سىياسەتنى مۇقىملاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «مۇقىم»لىقنى مۇستەھكەملەش ئاساسىدا زور كۈچ چىقىرىپ، «ئىلگىرىلەش» جەھەتتە كۆپرەك ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، ئومۇمىي ئېھتىياجنى مۇۋاپىق كېڭەيتىپ، تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ ياخشى ۋەزىيەتكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر