خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاينىڭ 15-كۈنى بېيجىڭ شەھىرىدىكى رايونلار ۋە يېزا-بازارلاردىكى ئىككى دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ نۆۋەت ئالمىشىش سايلىمىغا ئاۋاز بېرىدىغان كۈن. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ شىچېڭ رايونىنىڭ جۇڭنەنخەي سايلام رايونىدىكى خۈەيرېنتاڭ ئاۋاز بېرىش پونكىتىدا رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى سايلىمىغا قاتنىشىپ ئاۋاز بەرگەندە مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: بۇ قېتىمقى ناھىيە-يېزىلاردىكى ئىككى دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ نۆۋەت ئالمىشىش سايلىمى پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى چوڭ ئىش. سايلام خىزمىتىدە پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي قانۇن بويىچە ئىش بېجىرىپ، خەلقنىڭ سايلام ھوقۇقى ۋە سايلىنىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. سايلام خىزمىتى نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، قائىدە - تۈزۈم، ئىنتىزام ۋە قانۇنغا خىلاپ مەسىلىلەرگە ھەرگىز يول قويماي، سايلام خىزمىتىدە ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى