باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۇرالغۇ جاي ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋىرى: ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى شەھەر باشقۇرۇش تارماقلىرى قانۇن ئىجراسىنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى خاتىرىلەش خىزمىتىنى يولغا قويۇش كېرەك

2016.11.15 16:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۇرالغۇ جاي ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تۇرالغۇ جاي ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى شەھەر باشقۇرۇش نازارەتچىلىك ئىدارىسى يېقىندا «شەھەر باشقۇرۇش ۋە قانۇن ئىجراسىنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى خاتىرىلەش خىزمىتىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلدى، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى شەھەر باشقۇرۇش تارماقلىرى شەھەر باشقۇرۇش پۈتكۈل جەريانىنى خاتىرىلەش خىزمىتىنى يولغا قويىدىغانلىقىنى ئېنىق دېدى. جايلاردىكى شەھەر باشقۇرۇش تارماقلىرى يېزىق، ئۈن ۋە سىن دېگەندەك خاتىرىلەش ئۇسۇلى ئارقىلىق، قانۇن ئىجرا قىلىش ھەرىكىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى خاتىرىلەش كېرەك، قانۇن ئىجرا قىلىش خىزمەت ئەھۋالى ۋە ئالاقىدار دەلىل-ئىسپاتلارنى ئوبيېكتىپ، ئادىل ۋە مۇكەممەل خاتىرىلەپ مېڭىپ، بۇ ئىشلارنىڭ پۈتكۈل جەريانىنىڭ ئىزىنى قالدۇرۇش ۋە ئەسلىگە قايتۇرۇشنى باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش كېرەك.

  مەزكۇر «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: « ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ شەھەر قانۇن ئىجرا قىلىش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشىلاش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى شەھەر باشقۇرۇش تارماقلىرى شەھەر باشقۇرۇش ئىجراسىنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى خاتىرىلەش خىزمىتىنى يولغا قويۇشنى قارار قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر