سۈرەتتە: 11-ئاينىڭ 14-كۈنى بېيجىڭدا بىر ئايروپىلاننىڭ «دەرىجىدىن تاشقىرى ئاي» ئالدىدىن ئۇچۇپ ئۆتكەن كۆرۈنۈشى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاسترونوملارنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىللىق ئەڭ چوڭ، ئەڭ يۇمىلاق ئاي (يەنە «دەرىجىدىن تاشقىرى ئاي» دەپمۇ ئاتىلىدۇ) 11-ئاينىڭ 14-كۈنى (قەمەرىيە كالىندارى بويىچە 10-ئاينىڭ 15-كۈنى) كۆرۈندى.
«دەرىجىدىن تاشقىرى ئاي» ئۆزىنىڭ ئوربېتىسىدا ئاينىلىپ يەر شارىغا ئەڭ يېقىن نۇقتىغا كېلىش بىلەن بىللە، يەنە ئاينىڭ تولغان مەزگىلى بولۇپ، بۇ ۋاقىتتىكى ئاي ئادەتتىكىدىن چوڭراق كۆرۈنىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى