باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ئالاھىدە زور ۋەقەلەرنىڭ ئۇچۇرىنى چوقۇم بەش سائەت ئىچىدە ئېلان قىلىش كېرەك

2016.11.16 16:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ئالاھىدە زور، زور ۋەقەلەرگە چېتىلىدىغان مەمۇرىيەت جامائەت پىكرىنى تېز ئىنكاس قىلىپ، ئەڭ كېچىككەندىمۇ بەش سائەت ئىچىدە نوپۇزلۇق ئۇچۇر ئېلان قىلىش، 24 سائەت ئىچىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىش، نوپۇزلۇق ئۇچۇرنى داۋاملىق ئېلان قىلىپ، ئالاقىدار جايلار ۋە تارماقلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى باشلامچى بولۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن پوزىتسىيە بىلدۈرۈش كېرەك. گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «<مەمۇرىيەتنى ئاشكارىلاش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر>نى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى»نى تارقىتىپ، تۇنجى قېتىم تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ئالاھىدە زور ۋەقەلەرگە بەش سائەتنىڭ ئىچىدە ئىنكاس قايتۇرۇشتەك ۋاقىت چەكلىمىسى تەلىپىنى بېكىتتى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى بۇ يىل 2-ئايدا «مەمۇرىيەتنى ئاشكارىلاش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقاتقان بولۇپ، «تەپسىلىي قائىدە» «پىكىر»نى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلىپ، مەمۇرىيەتنى ئاشكارىلاشنىڭ قاراتمىلىقى ۋە مەشغۇلاتچانلىقىنى ئاشۇرۇپ، مەمۇرىيەتنى ئاشكارىلاش خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي زەنجىرىنى چىقىش قىلىپ، تەدبىر، ئىجرا قىلىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت، نەتىجىدىن ئىبارەت «بەشنى ئاشكارىلاش»نى تەپسىلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردى.

  «تەپسىلىي قائىدە»دە نۇرغۇن تەلەپلەر تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، توققۇز يارقىن نۇقتا گەۋدىلەندى: مەمۇرىيەتنى ئاشكارىلاش تەكشۈرۈش مېخانىزمىنى يولغا قويۇش، تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنىنى ئاشكارىلاش، ئاساسىي قاتلام مەمۇرىيەتنى ئاشكارىلاشنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش، ئاساسلىق مەسئۇللارنىڭ سىياسەتنى چۈشەندۈرۈشى، مۇھىم، زور مەمۇرىيەت جامائەت پىكرىگە بەش سائەتنىڭ ئىچىدە ئىنكاس قايتۇرۇش، ھۆكۈمەت تور پونكىتلىرى مەسئۇلىيەت سۇبيېكتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، ئاممىنىڭ قاتنىشىشىنى كېڭەيتىش، مەملىكەت بويىچە مەمۇرىيەتنى ئاشكارىلاشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنى تەڭشەش، مەمۇرىيەتنى ئاشكارىلاش ئۈنۈمىنى باھالاش مېخانىزمى ئورنىتىش.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر