- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
يېڭى زېلاندىيەدە 7.5 بال يەر تەۋرىدى
شۇ جايغا قاپسىلىپ قالغان جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەر قۇتقۇزۇۋېلىندى
2016.11.15 15:57 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېڭى زېلاندىيە جەنۇبىي ئارىلىنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدا شۇ يەر ۋاقتى 14- نويابىر سەھەردە 7.5 بال يەر تەۋرىدى، ئىككى ئادەم قازا قىلدى، خەلق مۇداپىئە تارمىقى يەر تەۋرەشتىن كېيىن دېڭىز تاشقىندىن جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش چىقاردى. جۇڭگونىڭ يېڭى زېلاندىيە جەنۇبىي ئارال-كرىستچېچتا (خىرىستوس شەھىرىدە) تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسى 14- نويابىر چۈشتىن بۇرۇن، ئىككى تىك ئۇچارنى كىچىك بازار كەي كۇلاغا بېرىپ قاپسىلىپ قالغان جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەر قۇتقۇزۇپ كېلىشكە ئەۋەتتى. خەۋەر ئېلان قىلىنغانغا قەدەر، نەچچە ئون نەپەر جۇڭگولۇق ساياھەتچى قۇتقۇزۇۋېلىندى.
سۈرەتتە: يەر تەۋرەشتە قاپسىلىپ قالغان ساياھەتچىلەر تىك ئۇچار ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ چېكىنىشكە تەييارلىق قىلماقتا.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر